باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

«ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى، بالىلارغا تەقدىم قىلىنغان قۇرامىغا يېتىش مۇراسىمى»

2017.06.07 15:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۈگۈن مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئېلىنىدىغان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى باشلاندى. مەملىكىتىمىزدە 9 مىليون 400 مىڭ ئوقۇغۇچى ئىمتىھانغا قاتناشتى.

  بۇنىڭدىن 40 يىل ئىلگىرى مەملىكەت بويىچە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگىنىگە ئوخشىمايدىغىنى، بۈگۈنكى كۈندە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى 18 ياش ئەتراپىدىكى ياشلار. 18 ياش، ئادەمنىڭ قورامىغا يەتكەنلىكىدىن، مىننەتدارلىقنى، مەسئۇلىيەتنى ھېس قىلغانلىقتىن دېرەك بېرىدۇ. سىلەرنىڭ يەلكەڭلار تېخى ئاجىز، پەيلىرىڭلار تېخى قاتمىغان بولۇشى مۇمكىن، بىراق نۇرغۇن ئىشلارغا ئۆزۈڭلارنىڭ يۈزلىنىشىڭلار، ئۆزۈڭلار ھۆكۈم قىلىشىڭلار، ئۆزۈڭلار ئۈستۈڭلەرگە ئېلىشىڭلار زۆرۈر. سىلەر ئىمتىھان مەيدانىغا كىرىپ كېتىۋاتىسىلەر، ئاتا-ئاناڭلار، ئوقۇتقۇچىلىرىڭلار سىلەرگە ئۈمىد بىلەن باقماقتا، بىراق ئۇلار سىلەرگە يەنە ياردەم بېرىشكە ئامالسىز. سىلەر ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى ھاياتىڭلاردىكى قورامىغا يېتىش مۇراسىمى دەپ قاراپ، خىرىسقا يۈزلىنىپ، ئىمتىھان جەريانىدىن ھوزۇرلانساڭلار بولىدۇ. بۇ ئۇلۇغ دەۋر، ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىش ياسايدىغان، كونىلىرىنى چىقىرىپ تاشلاپ، يېڭىلىرىنى يارىتىدىغان دەۋر، سىلەرنىڭ پۇرسىتىڭلار كۆپ، تاللىشىڭلارمۇ كۆپ. سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ سەزگۈسىگە تايىنىپ، ئىزدىنىڭلار، چېنىقىڭلار، قىلىپ بېقىڭلار.

  كىشىلىك تۇرمۇشتا سىناقنىڭ چېكى يوق، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مۇشۇ سىناقلارنىڭ بىرى. ئارزۇ-ئارمانلارنى كۆڭلىمىزگە پۈككەن ئىكەنمىز، بوران-چاپقۇنلارغا بەرداشلىق بېرىشىمىز كېرەك. مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدىغان-قازىنالمايدىغانلىقىمىزنىمۇ، كەلگۈسىمىزنىڭ تۈپ-تۈز بولۇشىنىمۇ، ئەگرى-توقاي بولۇشىنىمۇ كۆپ ئويلاپ كەتمەسلىكىمىز لازىم. بىز تىرىشچانلىق كۆرسەتتۇق، شۇڭا پۇشايمىنىمىز يوق، كىشىلىك تۇرمۇشقا كۈلۈمسىرەپ باقىمىز. بوران-چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرمەي تۇرۇپ، ھەسەن-ھۈسەننى قانداقمۇ كۆرەلەيمىز. ياشلىقتا مەغلۇبىيەت بولمايدۇ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىمۇ مەغلۇبىيەت بولمايدۇ. ئىمتىھان مەيدانىغا كىرىپ خىرىسنى كۈتىۋېلىۋاتقان ھەر بىر ئوقۇغۇچى ئىپتىخارلىنىشقا ئەرزىيدىغان ئەزىمەتلەردۇر. غەيرەت قىلىڭلار بالىلار، بارلىق تىلەكلەر سىلەرگە يار بولسۇن!

  ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىختىساسلىقلارنى تاللاشنىڭ مۇھىم شەكلى، بىراق مۇۋەپپەقىيەت بىر قېتىملىق ئەجىر بىلەن ئاخىرلاشمايدۇ، بىر دەملىك ئوڭۇشسىزلىق پۇرسەتنىڭ قولدىن كەتكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.

  ئەمەلىيەتتە، ۋەتىنىمىز ۋە جەمئىيىتىمىز مىسلى كۆرۈلمىگەن مۇھىت ۋە پۇرسەتكە ئىگە، ياشلار ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ مەنبەلىك ئۆسۈپ يېتىلىش يولى يارىتىلماقتا. غەيرەت قىلىڭلار بالىلار. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئىبارەت قورامىغا يېتىش مۇراسىمىغا دادىل يۈزلىنىڭلار، ئۇلۇغ دەۋر ۋە قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن كىشىلىك تۇرمۇش سىلەرنى كۈتمەكتە!


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر