باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

دۇنيادىكى پەن-تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنىڭ ياخشى باشلامچىلىرىدىن بولايلى

«خەلق گېزىتى» ئوبزورچىسى

2017.05.31 16:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  30-ماي، 81 مىليون پەن-تېخنىكا خىزمەتچىسىنىڭ بايرىمى-«مەملىكەتلىك پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى كۈنى». يېقىندىن بۇيان، يېڭىلىق يارىتىشتا باشلامچى بولۇشتىكى مۇنەۋۋەر شەخسلەر ۋە ئىلغار كوللېكتىپلارنى تەقدىرلەش ئارقىلىق، پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرى نامايان قىلىنىپ، ئىلىم-پەن بىلىملىرى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، ئىلىم-پەن روھى جارى قىلدۇرۇلۇپ، ئېلىمىز زېمىنىدا ئىلىمنى قەدىرلەش، قول تۇتۇشۇپ يېڭىلىق يارىتىشتەك قويۇق كەيپىيات ئەۋج ئالدۇرۇلدى، بارلىق پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى بۇنىڭدىن ئىپتىخارلاندى ھەم زور ئىلھام ئالدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇلتۇر 30-مايدا ئېچىلغان «پەن-تېخنىكىغا دائىر ئۈچ يىغىن» دا مۇھىم سۆز قىلىپ، دۇنيادىكى پەن-تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش سىگنالىنى چالدى. ھەر يىلى 30-ماينىڭ «مەملىكەتلىك پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى كۈنى» قىلىپ بېكىتىلىشى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، بارلىق پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنى يېڭىلىق يارىتىپ ئىلغارلاردىن بولۇش، ۋەتەنگە سادىق بولۇش، دۇنيادىكى پەن-تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنىڭ ياخشى باشلامچىلىرىدىن بولۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈندۇر.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بارلىق پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش جېڭىدە ئىلغارلاردىن بولۇپ، بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ ئىزدىنىپ، باشلامچى بولۇپ، ئىگىلىك تىكلەش ئاۋانگارتلىرىدىن بولۇپ، خەلقئارا ئىلغار سەۋىيەگە يەتكەن بىر قاتار يېڭىلىق يارىتىش مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈردى. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كالىبىرلىق يەككە رادىيو تېلېسكوپنى ئىشلىتىشتىن، ئادەملىك ئالەم قاتنىشى تېخنىكىسىدا يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكىچە، ئېلىمىزدە ئىشلەنگەن سودا چوڭ ئايروپىلانىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك سىناپ ئۇچۇرۇشىدىن، ئادەتتىن تاشقىرى كومپيۇتېر بويىچە يەنە بىر قېتىم دۇنيا رېكورتى يارىتىشقىچە، ئېلىمىزنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشى تېز بولۇپ، پەن-تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئەمەلىي جەۋھىرى، شۇنداقلا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇشنىڭ باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىسى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر