باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىلنى يازايلى

2017.05.18 15:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتنىڭ ئۇلۇغلۇقى ئىسلاھات ۋە كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئارزۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقتا ئىپادىلىنىدۇ؛ مۇخبىرنىڭ شان-شەرىپى قەلەم ۋە كامېرا بىلەن دەۋر ئۆزگىرىشىنى خاتىرىلەشتە ئىپادىلىنىدۇ.

  پېشقەدەم پارتىيە ياچېيكا شۇجىسىنىڭ تىك ياردا ئۆستەڭ ئېچىپ خەلققە بەخت يارىتىش ئىش-ئىزلىرى خاتىرىلەنگەن قىسقا فىلىم «دافا ئۆستىڭى» قويۇلغان ئۈچ كۈندە قويۇلۇش قېتىم سانى 20 مىليوندىن ئاشتى؛ گۇاڭشى-جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى نەننىڭ شەھىرى شىنپىڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئاقپىشماق ئېسىلزادە نازىنىن» 1-شۇجىنىڭ «قارا تەنلىك ئېسىلزادە نازىنىن»غا ئايلانغانلىقىدەك ھېكايە سۆزلەنگەن خەۋەرنىڭ كۆرۈش قېتىم سانى 10 مىليوندىن ئاشتى... 4-ئاينىڭ ئاخىرىدا، «جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىل» چوڭ تىپتىكى باش تېمىلىق زىيارەت پائالىيىتى ئالدىن قانات يايدۇرۇلۇپ، مەركەز تاراتقۇلىرىنىڭ 100دىن ئارتۇق مۇخبىرى 100دىن ئارتۇق نامرات كەنتلەرگە چوڭقۇرلاپ كىرىپ نۇقتىدا زىيارەت، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشكە نىشانلاپ، يەرلىك ئامما بىلەن بىللە يەپ، بىللە يېتىپ-قوپۇپ، بىللە ئەمگەك قىلىپ، بىر تۈركۈم خەۋەر ئەسەرلىرى ئېتىز-ئېرىق باشلىرىدا بارلىققا كەلدى. بۈگۈندىن باشلاپ، ھەر قايسى تاراتقۇلاردا بىر تۇتاش «جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىل» مەخسۇس سەھىپىسى ئېچىلىپ، بۇ قېتىملىق كەنتتە تۇرۇپ زىيارەت، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش توغرىسىدىكى يۈرۈشلۈك خەۋەرلەر مەركەزلىك بېرىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن «جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىل» چوڭ تىپتىكى باش تېمىلىق تەشۋىقات پائالىيىتى باشلىنىدۇ، كۈنسېرى يۈكسىلىۋاتقان ئىسلاھات-تەرەققىياتنىڭ يېڭى قىياپەتلىرى ئاخبارات خىزمەتچىلىرىنىڭ ئەينەن خاتىرىسى ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن يېزىشىنى ساقلىماقتا.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر