باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئۇلۇغ ئىش ئۇلۇغۋار ئەمەلىيەتكە موھتاج

___ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنى قىزغىن مۇزاكىرە قىلغانلىقى توغرىسىدا

2017.05.16 15:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قەدىمىي يىپەك يولى ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ، 1000 يىلدەك داۋاملىشىپ، تىنچ، ھەمكارلاشقان، ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان، ئۆز ئارا ئۆگىنىش، ئۆز ئارا ئۆرنەك قىلىش، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى يادرو قىلغان يىپەك يولى روھىنى بارلىققا كەلتۈردى. ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى مۇشۇنداق روھقا ۋارىسلىق قىلىپ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىشى كېرەك. رەئىس شى جىنپىڭ تۆت يىل ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىغا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، تىنچ-خاتىرجەملىك، ئورتاق تەرەققىيات، گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئارزۇ-ئىستەكلەر يۈكلەنگەن، ئۇ كەلگۈسىگە قارىتا چىقىرىلغان تارىخىي تاللاش.

  «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى 14-مايدىن 15-مايغىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان ئاساسىي مەقسەت نۇتقى «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۆت يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈلگەن بىر قاتار نەتىجىلەرنى ئەسلەپ، كەلگۈسى تەرەققىيات لايىھەسى تۈزۈپ، جۇڭگو ھەرىكىتى توغرىسىدا ۋەدە بەردى، بۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغىدى. «بۇ ئۇلۇغ، باتۇر تەشەببۇس دۇنيانى زور دەرىجىدە ئۆزگەرتىدۇ!» ب د ت مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى بوكوۋانىڭ بەرگەن باھاسى خەلقئارا جەمئىيەتتىكى بىلىملىك زاتلارنىڭ ئورتاق ساداسىغا ئايلاندى.

  «داۋالغۇپ تۇرغان دۇنياغا تىنچلىق ۋە تەرەققىيات ئېلىپ كېلىدۇ»

  فىرانسىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى ۋىللېپىن مۇنداق باھا بەردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزى جۇڭگونى دۇنياغا ئېچىۋېتىش، بىرلەشتۈرۈش تارىخىنى داۋاملاشتۇرۇپلا قالماستىن، ئۇنىڭغا يەنە يېڭى دەۋر ئەھمىيىتىنى يۈكلەپ، داۋالغۇپ تۇرغان دۇنياغا تىنچلىق ۋە تەرەققىيات ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ تىنچ تەرەققىيات ۋە ئورتاق گۈللىنىشنى ئۈمىد قىلىدىغان تەشەببۇس، شۇنداقلا يېڭىلىق يارىتىش، دۇنياۋىلىشىشنى قارشى ئالىدىغان تەشەببۇس.

  ب د ت مۇھىت پىلان مەھكىمىسىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى ئېرىك سولخېيم مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىشكە قانداق يېتىدىغانلىقىنى شەرھلىدى ۋە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى: كىمكى تەنھا تۇرىدىكەن، ئۇ چوقۇم مەغلۇپ بولىدۇ؛ ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋەتكەندىلا، بىرلىكتە قاتنىشىپ تەڭ گۈللەنگىلى بولىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر