باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئەسىر قۇرۇلۇشى ھەر قايسى دۆلەت خەلقىگە بەخت ياراتقۇسى

___ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزى توغرىسىدا (1)

2017.05.16 15:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يىپەك يولى تۇتاش كەتكەن تاغ-دەريالارغا سوزۇلۇپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ ئەل قەلبىنى مايىل قىلدى. گۈزەل ياز 5-ئايدا، «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. ئىككى كۈندىن بۇيان، 100 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلار «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تەكلىپ-پىكىرلىرىنى بېرىپ، كىشىلەر بۇ جۇڭگو تەشەببۇسىنىڭ دۇنيا ۋە خەلققە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشىغا تەقەززا بولدى.

  «<بىر بەلباغ، بىر يول> قۇرۇلۇشى ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇ ئۇلۇغۋار ئەمەلىيەتكە موھتاج»، «<بىر بەلباغ، بىر يول> قۇرۇلۇشىنى كۆپچىلىك ئورتاق كېڭىشىمىز، <بىر بەلباغ، بىر يول> قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىسىدىن كۆپچىلىك ئورتاق بەھرىمەن بولىمىز.» رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇنبەرنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزى قەدىمىي يىپەك يولى قالدۇرغان يىپەك يولى مەدەنىيىتىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ تۆت يىلدىن بۇيانقى مول نەتىجىلىرىنى سىستېمىلىق خۇلاسىلەپ، تىنچ، گۈللەنگەن، ئېچىۋېتىلگەن، يېڭىلىق يارىتىدىغان، مەدەنىيەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇپ چىقىشنىڭ گۈزەل ئەتىسىنى پىلانلىدى. بۇ مۇھىم سۆز ھەم يىراقنى كۆرىدىغان تەسەۋۋۇر، ھەم راستچىل-ئەمەلىيەتچىل بولۇش تەدبىرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ يۆنىلىشى ۋە يولىنى كۆرسىتىپ، نۆۋەتتە خەلقئارا جەمئىيەت دۇچ كېلىۋاتقان نۇرغۇن مۇھىم مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىپ، ئىنسانلار تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەپ، شەرقتىكى بىر چوڭ دۆلەتنىڭ پىكىر قىلىش ئىقتىدارى ۋە ھەرىكەت ئىقتىدارىنى نامايان قىلىپ، بىر تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتنىڭ پۈتۈن دۇنيانىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى ئەكس ئەتتۈردى.

  قەدىمدە جاڭ چيەن غەربىي يۇرتقا، جېڭ خې ئوكيانغا سەپەرگە چىقىپ، رايون، مىللەت، مەدەنىيەت، دىن ھالقىدى... ئەجدادلىرىمىز ئىنسانلار دوستلۇق ئالاقىسىنىڭ ۋاسىتىسى بولۇپ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنىڭ تارىخىي سەھىپىلىرىنى يېزىپ قالدۇردى. تارىختىن بۇيان يېڭىلىنىپ كېلىۋاتقان يىپەك يولى روھى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ قىممەتلىك مىراسىغا ئايلاندى. رەئىس شى جىنپىڭ تىنچ، ھەمكارلاشقان، ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان، ئۆز ئارا ئۆگىنىش، ئۆز ئارا ئۆرنەك ئېلىش، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان يىپەك يولى روھىنى يەنىمۇ شەرھلەش ئارقىلىق، تارىخ ۋە ئەمەلىيەتتىن بىزگە شۇنى ئېيتماقچىكى، ئارىلىق قانچە يىراق بولسۇن، بىز قەيسەرلىك بىلەن تۇنجى قەدەمنى بېسىپ، ئالغا قاراپ ماڭساقلا، ئۆز ئارا ئۇچرىشىپ چۈشىنىشىدىغان، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان يولنى تېپىپ، بەختلىك خاتىرجەم، ئىناق، گۈزەل كەلگۈسىگە قاراپ ماڭالايمىز.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر