باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

«بىر بەلباغ ، بىر يول» دۇنيا نەپ يەتكۈزىدۇ

2017.05.05 15:32         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشى نېمىگە تايىنىدۇ؟ ئەمەلىي ھەرىكەتكە، شۇنداقلا كۆپلىگەن تۈرلەرگە تايىنىدۇ. بۇ يىل 1-ئايغىچە، بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغىنىغا ئۈچ يىلىدىن كۆپرەك ۋاقىت بولدى. بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كارخانىلىرى يول بويىدىكى دۆلەتلەرگە 50 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سالدى، بىر قاتار چوڭ تۈرلەر ماكانلىشىپ گۈللەندى ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، كۆپلىگەن ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنى ياراتتى. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم تۈرلەرگە باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆڭۈل بۆلگەن، ھەتتا ئۆزى بىر قوللۇق ئىلگىرى سۈرگەن.

  جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى دۇنيادىن ئايرىلالمايدۇ، دۇنيانىڭ تەرەققىياتىمۇ جۇڭگودىن ئايرىلالمايدۇ. خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى پارتلىغاندىن بۇيان، جۇڭگو دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى موتورغا ئايلىنىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسى %30 دىن ئېشىپ، 2- ئورۇندا تۇرىدىغان ئامېرىكىنىڭ قوشقان تۆھپىسىدىن بىر ھەسسە ئېشىپ كەتتى. 2013- يىلى 9- ۋە 10-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئايرىم ئايرىم ھالدا يېڭى يىپەك يولى ئىقتىسادى بەلبېغى ۋە 21- ئەسىردىكى دېڭىز يىپەك يولى ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىش كۈچى ئاجىز، ئېھتىياج جانلىق بولمىغان ئارقا كۆرۈنۈشتە، بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسى يەر شارى ئىقتىسادىنى خەتەردىن قۇتۇلدۇرۇپ، كۈچىيىشى، ئەسلىگە كېلىشى، شۇنداقلا ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىشىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى ئەمەلىيەتتە بىرلىكتە كېڭىشىش ۋە بىرلىكتە قۇرۇش داۋامىدا جۇڭگو بىلەن يول بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ ئەڭ چوڭ جەلپ قىلىش كۈچى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، يەنە بۇنىڭغا قاتناشقان دۆلەتلەرگە تېخىمۇ كۆپ پايدا ئېلىپ كېلىدۇ، ئىسپانىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋالونسىيا ئىلگىرى مۇشۇنداق باھا بەرگەن ئىدى. «بىر بەلباغ بىر يول» قاتارلىق ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشەببۇسى ۋە قۇرۇلۇشىنى قارشى ئالىمىز. 2016-يىلنىڭ ئاخىرلىرى، 71-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ قارالمىسىغىمۇ بۇ تەشەببۇس كىرگۈزۈلدى ھەمدە 193 دۆلەتنىڭ بىردەك ماختىشىغا ئېرىشتى.

  بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسىنى جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويدى، بىراق ئۇنىڭ ئۈنۈمى دۇنياغا نەپ يەتكۈزىدۇ، بىر بەلباغ بىر يول رامكىسى ئىچىدە، جۇڭگو ۋە يول بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، ئۇل ئەسلە قۇرۇلۇشىنى تۇتاشتۇرۇش،ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقى، سۇدا، مەبلەغ سېلىش، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق تەرەپلەردە بارغانسېرى كۆپ نەپ يەتكۈزدى. سانلىق مەلۇماتلاردىن ئايان بولۇشىچە، ئۇچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، جۇڭگو كارخانىلىرى يول بويىدىكى 20 نەچچە دۆلەتتە 56 ئىقتىساد سودا ھەمكارلىق رايونىنى قۇرۇپ، ساھىبخان دۆلەتلەرگە 1 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى باج كىرىمىنى ۋە 160 مىڭدىن كۆپرەك ئىش ئورنى ياراتقان. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، جۇڭگونىڭ ئەقىل پاراسىتى دۇنيا ئىقتىسادىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۇرۇپ، جۇڭگو كۈچى بارغانسېرى كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدىن ئورۇن ئالدى.

  بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشىنىڭ داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ، بارغانسېرى كۆپلىگەن دۆلەتلەر بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسىنى ئۆزىنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن تۇتاشتۇرۇشقا باشلىدى. ئۇچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، 100 دىن كۆپرەك دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلات بۇنىڭغا پائال ئاۋاز قوشتى ۋە قوللىدى، 40 دىن كۆپرەك دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلات جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. كەلگۈسىگە نەزەر سالىدىغان بولساق، بۇ يىل 3-ئاينىڭ 23- كۈنى ئاسىيا ئۇل ئەسلە سېلىنما بانكىسى يەنە ئافغانىستان، جۇڭگونىڭ شياڭگاڭ رايونى، كانادا، بىلگىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 13 ئەزانى كۆپەيتكەنلىكىنى جاكارلىدى، ئەزالارنىڭ كۆپىيىشىدىن قارىغاندا، ئاسىيا ئۇل ئەسلە سېلىنما بانكىسى بۇنىڭ بىلەن دۇنيا بانكىسىدىن قالسا، يەر شارىدا 2- چوڭ كۆپ تەرەپلىك تەرەققىيات ئورگىنىغا ئايلاندى.

  بىر بەلباغ بىر يولنى جۇڭگو ئۆزىلا يولغا قويىدىغان بولماستىن، بەلكى يول بويىدىكى دۆلەتلەر بىرلىكتە ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. يىپەك يولى روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشى نەزەرىيە تەسەۋۋۇرىدىن يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىيىتىگىچە زور سەكرەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھازىر ئەمەلىي ھەمكارلىققا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولىدىغان يېڭى باسقۇچقا كىردى. 14-، 15-مايغىچە، بىر بەلباغ بىر يول خەلقئارا ھەمكارلىقى يۇقىرى دەرىجىلىكلەرنىڭ مۇنبىرى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، 28 دۆلەتنىڭ باشلىقى ۋە ھۆكۈمەت باشلىقى يىغىنغا قاتنىشىدۇ، يىغىنغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەرنىڭ سانى 1200 دىن كۆپرەك كىشىگە يىتىدۇ، بىز، بىر بەلباغ بىر يول خەلقئارا ھەمكارلىقى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مۇنبىرى ئارقىلىق، تەرەققىيات سىياسىتى ئىستراتېگىيەسىنى تۇتاشتۇرۇپ، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرىدىغان ئەمەلىي ھەمكارلىققا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىش مۇساپىسى داۋامىدا، ئۇنتۇپ قېلىنغان نۇقتىلارنى قايتىدىن يېڭى تارىخى بوشلۇققا قايتۇرۇپ كېلىپ، بىرلىشىش شەكلىدىكى تەرەققىيات ئۈچۈن يېڭى كۈچ قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر