باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئاممىۋى لۇشيەندە مېڭىپ، ئاممىغا قايتۇرۇش كېرەك

___ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلغان ئاساسىي قاتلام ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىدىن خاتىرە

2017.04.24 14:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  20-ئاپرېل، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى قويۇق باھار تۈسىگە كىرگەنىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ نەننىڭ-جۇڭگۇەن كەنتى يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىدا گۇاڭشىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئۇزۇن يول يۈرۈپ كەلگەن 14 كىشىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇلار بىلەن بىرمۇ بىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. ئېتىزدا دېھقانچىلىق قىلغان قول، زاۋۇت ئاقما لىنىيەسىدە ئالدىراش ئىشلىگەن قول، دوسكا ئالدىدا بور تۇتقان قول، دوختۇرخانىنىڭ دېزىنفېكسىيەلەش سۈيى پۇراپ تۇرىدىغان قول.... شۇ پەيتتە ئۇلارنىڭ ئورتاق بىر نامى بار ئىدى: ئاساسىي قاتلام ۋەكىلى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنى كۆزدىن كەچۈرۈش جەريانىدا مەخسۇس ۋاقىت ئاجرىتىپ ئاساسىي قاتلام ۋەكىللىرىنىڭ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنى ياخشى ئېچىش توغرىسىدىكى تەكلىپ ۋە ئۈمىدلىرىنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىغا تەييارلىق كۆرۈشتە جەزمەن دېموكراتىيەنى تولۇق نامايان قىلىپ، پۈتۈن پارتىيەدىكىلەر ۋە مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى كۆپ خىل ئۇسۇللار بىلەن كەڭ كۆلەمدە مۇجەسسەملەش كېرەك، بۇنى چوقۇم قىلىش، شۇنداقلا چوقۇم ياخشى قىلىش كېرەك. بۇ ھەم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيەسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئەۋزەللىكى.

  بىر مەيدان سۆھبەت يىغىنى، بىر قېتىملىق ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرۇش: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ھېكايىنى داۋاملاشتۇرۇشتا خەلقنى قانداق يېتەكلەيدۇ؟

  بۇنىڭ جاۋابى خەلق.

  ئاممىدىن ئېلىپ، ئاممىغا قايتۇرۇش.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر