باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

پىلانېتلار ئارا سەپەردە ئالەم قاتنىشىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ چىقايلى

___ 2-قېتىملىق «جۇڭگو ئالەم قاتنىشى كۈنى» يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا

2017.04.24 14:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «چەكسىز ئالەم ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئالەم قاتنىشىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش بىزنىڭ ئارزۇيىمىز.»

  1970-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى، جۇڭگونىڭ «شەرق قىزاردى ــــ 1» ناملىق تۇنجى يەر شارى سۈنئىي ھەمراھى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلىپ، جۇڭگونىڭ ئالەم سىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش، ئالەم بوشلۇقىدىن تىنچ پايدىلىنىش، خەلققە بەخت يارىتىشنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدى.

  24-ئاپرېل، 2-قېتىملىق «جۇڭگو ئالەم قاتنىشى كۈنى» يېتىپ كېلىش ئالدىدا، جۇڭگونىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق «ئالەمگە ئۇچۇش» خاتىرىسىگە نەزەر سالساق، جۇڭگونىڭ بوشلۇق تېخنىكىسىدا قالتىس نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى، بوشلۇق ئىلىمىدە توختىماي ئىزدەنگەنلىكى، بوشلۇقتىن پايدىلىنىش ئەسلى مەقسىتىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئىسلاھات تەرەققىياتىنىڭ دەۋر ئېقىمىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو ئالەم قاتنىشى ئىشلىرى جۇڭگونىڭ ئالەم بوشلۇقى نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاپ، نادىر جۇڭگو ھېكايىلىرىنى يازدى.

  يېڭىلىق ياراتقاندىلا قالتىس نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ

  ئۆتكەن بىر يىلدا يېڭى ئالەم قاتنىشى قويۇپ بېرىش مەيدانىنىڭ ئىپادىسى قالتىس بولدى، «پېشقەدەم» ئالەم قاتنىشى قويۇپ بېرىش مەيدانى جۇڭگو ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىنىڭ يېڭى شانلىق نەتىجىلىرىگە شاھىت بولدى.

  «ئۇزۇن سەپەر ــــ 7» ناملىق راكېتادىن «ئۇزۇن سەپەر ــــ 5» ناملىق راكېتاغىچە جۇڭگونىڭ توشۇغۇچى راكېتاسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، مەھسۇلاتنى يېڭىلاپ، ئالەم قاتنىشىدا كۈچلۈك دۆلەت بولۇشقا قاراپ قەدەم تاشلىدى؛ «ئەرش ئوردىسى ــــ 2» ۋە «خاسىيەتلىك كېمە ــــ 11»، «ئەرش كېمىسى ــــ 1» كېسىشىپ تۇتاشتۇرۇلۇپ، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بوشلۇقتا 33 كۈن ئوتتۇرا مەزگىللىك تۇرۇشنى تاماملاپ، جۇڭگو بوشلۇق پونكىتى قۇرۇلۇشى يولىدا چوڭ قەدەم تاشلاپ ئىلگىرىلىدى؛ «ئايپەرى ــــ 5» قويۇپ بېرىشكە ھازىرلاندى، مارسنى تەكشۈرۈش تۈرى تۇرغۇزۇلدى، جۇڭگو ئالەم بوشلۇقىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈشتە «كىچىك نىشان» لارنى بىرمۇ-بىر تاماملاپ، بىر-بىرلەپ «چوڭ بۆسۈش» لارنى ئىشقا ئاشۇردى؛ «ئاسمان-زېمىننى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئۇچۇر تورى» دىن «بوشلۇقتىن پايدىلىنىش مۇلازىمەت سىستېمىسى» غىچە، جۇڭگونىڭ بوشلۇق ئۇل ئەسلىھەلىرى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى....

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر