باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

«خەلق گېزىتى» ئوبزورچىسى: ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسى تۈزۈش قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ كەلگۈسىنى يورۇتتى

_ پۇقرالار ھوقۇق كاپالىتىنىڭ قانۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى دەۋرنى ئاچايلى

2017.04.21 15:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قانۇن دەۋر روھىنىڭ نامايەندىسى بولۇپ، مۇقەررەر ھالدا ئەڭ يېڭى دەۋر ئالاھىدىلىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. جۇڭگو ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسىنىڭ باشلىنىشى بولغان ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسىدە جۇڭگوچە ئالاھىدىلىك مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، دەۋر تامغىسى بېسىلغان. ھەق تەلەپ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە قوغداشنى كۈچەيتىش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش، ئىجتىمائىي قىزىق نۇقتا ۋە دەۋر تەلىپىگە ئاكتىپ ئىنكاس قايتۇرۇش-يېقىندا يولغا قويۇلىدىغان ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسىنىڭ يارقىن نۇقتىسى بولۇپ، ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسىنى تۈزۈشكە ئۈنۈملۈك قوماندانلىق قىلىدۇ ۋە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

  پۇقرالار ھوقۇق كاپالىتىنىڭ قانۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئادىللىقنى يادرولۇق پىرىنسىپ قىلغان مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش تۈزۈمىنى مۇكەمەللەشتۈرۈش پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەلەپ، شۇنداقلا ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسىنى تۈزۈشنىڭ مۇھىم نىشانى. ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسى ھەق تەلەپ ساھەسىنىڭ نېگىزلىك قانۇن قائىدىسى بولۇپ، پۇقرالار تۇرمۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە چېتىلىپ، «بۆشۈكتىن قەبرە» گىچە ئومۇميۈزلۈك قوغدايدۇ. مەيلى ھامىلىنىڭ بەلگىلىك ھەق تەلەپ ھوقۇقى بولسۇن، ياكى شەخسلەرنىڭ ئۇچۇر ھوقۇقىنى بېكىتىش ۋە قوغداش بولسۇن؛ مەيلى ئادەتتىكى ئەرزنىڭ ئۈنۈملۈك سۈرىكىنى ئۇزارتىپ، ھەقدارلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش، ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان قورامىغان يەتمىگەنلەرگە قانۇن بويىچە تېخىمۇ كۆپ ياردەم بېرىش بولسۇن، ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسىدە باشتىن-ئاخىر ھەق تەلەپ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش يادرو قىلىنىپ، خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتى قوغدىلىدۇ. كەلگۈسىدە، ھەق تەلەپ ھوقۇق-مەنپەئىتىنىڭ يېڭى شەكلى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئېھتىياجى ئالدىدا، ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسىنى تۈزۈش ئارقىلىق تېخىمۇ ئىلمىي، ئومۇميۈزلۈك قانۇن چىقىرىشقا قولايلىق يارىتىلىپ، پۈتكۈل جەمئىيەت ھۆرمەت قىلىدىغان ۋە كاپالەتلىك قىلىدىغان ھەق تەلەپ ھوقۇق-مەنپەئىتى كوللېكتىپ ئېڭى تۇرغۇزۇلىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر