باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئالاقە تورىنى دۆلەت ۋە خەلققە تېخىمۇ ياخشى بەخت ياراتقۇزايلى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ بىر يىللىقىغا ئاتاپ

2017.04.19 14:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «پۇرسەتنى تۇتۇپ ئىش قىلىپ، شارائىتقا ماسلىشىپ تۆھپە قوشۇپ، بارچە مەۋجۇداتنىڭ خاسلىقى ئاساسىدا پايدىغا ئېرىشىش كېرەك». جۇڭگو ئالاقە تورى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشلىرى يېڭى ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيە بىلەن پىلان تۈزۈپ مەنزىلگە ئاتلىنىشقا چاقىردى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات ئومۇمىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ كۈچلۈك تور دۆلىتى بولۇش ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئېلىمىزنىڭ تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي بۇرچى، مۇھىم پۇرسىتى، بۆسۈش يۆنىلىشى ۋە تەدبىر يولىنى چوڭقۇر شەرھلىدى. تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشلىرى توغرىسىدا توختالغاندا، «يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتە ئالدىدا مېڭىپ، كۈچلۈك تور دۆلىتى بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش»كە چاقىردى؛ يادرولۇق تېخنىكا توغرىسىدا توختالغاندا، «يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي بوشاشماي يولغا قويۇش»نى تەكىتلىدى؛ تور بىخەتەرلىكى توغرىسىدا توختالغاندا، «بىخەتەرلىك بىلەن تەرەققىياتنى ماس قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈش»نى بېكىتتى... بىر يىلدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى جۇڭگونىڭ تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى تەپەككۇرى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كۈچلۈك تور دۆلىتى بولۇش ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسى بىر مەدەنىيەتلىك قەدىمىي دۆلەتنىڭ مەردانە قەدەم بىلەن ئۇچۇرلاشتۇرۇشتا كۈچلۈك دۆلەت بولۇشقا قاراپ ئىلگىرىلىشىنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى ئاچتى.

  نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلغاندا تېخىمۇ ئاڭلىق، ئاكتىپ بولىدۇ. ئۆتكەن بىر يىلدا، ئېلىمىز ئالاقە تورى ساھەسى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلدى. ئېلېكتىرونلۇق سودا، تەڭ بەھرىمەن بولىدىغان ئىگىلىك، سۈنئىي ئەقىل قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالەتلىرى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كېلىپ، ئىقتىسادنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە ماسلىشىش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن يېڭى ئېنېرگىيەنى ئەۋج ئالدۇردى. «ئالاقە تورى+مائارىپ»، «ئالاقە تورى+داۋالىنىش»، «ئالاقە تورى+مەدەنىيەت» قاتارلىقلار جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، مىليونلىغان خەلقنى تور تەرەققىيات پايدىسىدىن تەڭ بەھرىلەندۈردى. تور بىخەتەرلىكى قانۇنى قاتارلىق تور قانۇنىنى تۈزۈش ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ، تور بىخەتەرلىكى تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى كۈنسېرى مۇستەھكەملىنىپ، تور ئېكولوگىيەسى تېخىمۇ ساپلاشتى. مۇشۇنداق ئەمەلىي نەتىجىلەر تېخىمۇ كۆپ ئىجتىمائىي ئورتاق تونۇش مۇجەسسەملىدى: كۈچلۈك تور دۆلىتى بولۇش ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسىنى باشتىن-ئاخىر تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگولۇقلار ئۇچۇر تېخنىكىسى تېز ئاپتوموبىلغا چىقىپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭدىن ئېشىپ، بۇ ساھەدە ئالدىن تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر