باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

«ھالقىلىق ئاز سانلىقلار»نى چىڭ تۇتۇپ، باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك

___ «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش، تەربىيەسى پائالىيىتىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا (2)

2017.04.18 17:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ھالقىلىق ئاز سانلىقلار»نىڭ زىممىسىگە مۇھىم مەسئۇلىيەت يۈكلەنگەن، «ھالقىلىق ئاز سانلىقلار» تېگىشلىك مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش، تەربىيەسىدە «ھالقىلىق ئاز سانلىقلار»نى چىڭ تۇتۇش كېرەك. «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش، تەربىيەسى پائالىيىتىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، «ھالقىلىق ئاز سانلىقلار»نىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رەھبەرلىك ئورگىنى، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇشىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

  تۆمۈرچى بولۇش ئۈچۈن ئۆزى چىڭ بولۇش كېرەك. «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش، تەربىيەسى پائالىيىتىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ھەم رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتى ھەم ئۈلگە كۆرسىتىش مەسئۇلىيىتى بار. رېئال تۇرمۇشتا، قىسمەن رەھبىرىي ئورگان، رەھبىرىي كادىرلاردا يەنىلا «چىراغ تۈۋى قاراڭغۇ»، «باشقىلارنىڭ كەمچىلىكىنى كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى تونۇماسلىق»تەك مەسىلىلەر ساقلانماقتا، مەسىلەن: باشقىلارنىڭ ئۆگىنىشىنى تەلەپ قىلىپ، ئۆزى ئۆگەنمەسلىك؛ قولىنىڭ ئۇچىدىلا ئىشلەپ، پاسسىپ تاقابىل تۇرۇش؛ تۆۋەندىكىلەرنى تۈزىتىشنى ئۆزىنى تۈزىتىش دەپ قاراش ۋەھاكازالار. رەھبىرىي ئورگانلار ئۈلگە بولمىسا، ئاساسىي قاتلامدىن نېمىنى تەلەپ قىلىدۇ؟ رەھبىرىي كادىرلار باش بولمىسا، ئۇلارنىڭ باشقىلاردىن تەلەپ قىلىشقا قانداق سالاھىيىتى بار؟ مۇشۇنداق بولغاچقا، رەھبىرىي ئورگان، رەھبىرىي كادىرلار تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم بىلەن ئالدىنقى قاتاردا مېڭىپ، ياخشى باشلامچى بولغاندىلا، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئەگىشىپ ئۆگىنىپ، شۇ بويىچە قىلىشقا يېتەكلىگىلى، يۇقىرىدىكىلەر نېمە قىلسا، تۆۋەندىكىلەر شۇنى قىلىشتەك ئۈنۈمگە يېتىپ، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىپ، يادرولۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ سادىق، پاك، دادىل بولۇپ، باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۈلگە بولۇپ، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر