باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

شىنخۇا ئاگېنتلىقى: جۇڭگو لايىھەسى داغدام يولدا ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈلمەكتە

2017.04.14 15:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىر بەلباغ بىر يول خەلقئارا ھەمكارلىق مۇنبىرى ئېچىلغانغا بىر ئاي ۋاقىت قالغان پەيتتە، شىنخۇا ئاگېنتلىقى تۈنۈگۈن «جۇڭگو لايىھەسى داغدام يولدا ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈلمەكتە» ماۋزۇلۇق مۇلاھىزە ئېلان قىلدى.

  ماقالىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشى يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، نۇقتىدىن دائىرىگە كېڭىيىپ، مۆلچەردىن ئېشىپ كەتكەن سۈرئەت ۋە نەتىجىگە ئېرىشتى. جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان تەشەببۇس، ھەرىكەت كەڭ خەلقئارالىق ھەمكارلىق ئورتاق تونۇشىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈردى.

  ماقالىدا مۇنداق دېيىلدى: بىر ئايدىن كېيىن، «بىر بەلباغ بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق يۇقىرى قاتلام مۇنبىرى بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ. «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئاچقۇچلۇق نۇقتىسىدا تۇرماقتا. بۇ بىر قېتىملىق ئىلگىرىكىنى خۇلاسىلەيدىغان، كەلگۈسىنى پىلانلايدىغان كاتتا مەرىكە. ئىقتىسادنى سۇسلاشتۇرىۋاتقان خۇنۈك نۇقتىلارنى تۈگىتىدىغان، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تېخىمۇ كۆپ ئىجابىي كۈچ ئاتا قىلىدىغان كاتتا مەرىكە؛ ئەمەلىيەتچىل يۇقىرى ئۈنۈملۈك بۇ كاتتا مەرىكە «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشكە يېڭى مۇساپە ئېچىپ بېرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر