باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

مەنسەپ ئۈچۈن نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىپ تاشلاشقا بولمايدۇ

2017.03.22 16:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا شىمالىي جۇڭگودىكى بىر ئۆلكىنىڭ ئوندىن كۆپرەك ئۆلكە دەرىجىلىك نامرات ناھىيەسى نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋېتىش ئىلتىماسىنى رىقابەتلىشىپ سۇندى. ئەگەر بۇ نامرات ناھىيەلەر 3-تەرەپنىڭ قاتتىق باھالىشى ۋە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋەتسە ئەلۋەتتە ياخشى بولىدۇ، لېكىن ئىگىلىشىگە قارىغاندا، رىقابەتلىشىپ ئىلتىماس سۇنۇشنىڭ ئارقىسىدا يەرلىك پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ قىسمەن ئاساسلىق ئەمەلدارلىرى مەنسەپ ئۈچۈن يەرلىكنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىپ تاشلاشقا ئالدىرىغان. بۇ خىل ئۇسۇل مەركەزنىڭ روھى ۋە پۇقرالارنىڭ كۈتكىنىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ؛ بۇ قىسمەن نامرات جايلاردىكى ئاساسلىق رەھبىرى كادىرلارنىڭ سىياسىي نەتىجە قارىشىدىن چەتنىگەنلىكى، ئىستىلدا چىڭ، ئەمەلىي بولماسلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ خىل ئىستىل ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشسا، خىزمەتتە بوشاڭلىق پەيدا بولىدۇ-دە، ئاممىنىڭ رايىنى ياندۇرىدۇ.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەققىدە يېڭى ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى چىقاردى. ئۆتكەن يىلى 10-ئايدا مەركىزىي كومىتېت ئىشخانىسى، گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇش چارىسىنى بېسىپ تارقاتتى، ئۇنىڭدا نامرات ناھىيەلەردىكى پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىش مۇقىملىقىنى ساقلاش، نامراتلىقتىن قۇتۇلمىغان بولسا تەڭشىمەسلىك، نامراتلىق قالپىقى ئېلىنمايدىغان بولسا ئالماسلىقنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.

  بۇ سىياسەت ئاممىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئايرىم كادىرلار بۇ ئۇلارنىڭ نورمال ئالاقىسىگە تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئەنسىرىمەكتە.

  بۇ يىل ئىككى يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نامرات ناھىيەلەرنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى سالماق بولۇپ، مەسئۇلىيەت ۋە ئېغىر ۋەزىپىنى جۈرئەتلىك ئۈستىگە ئېلىپ، قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇپ، ئىشنى باشلاپ قويۇپلا بولدى قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم. نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەڭ قاتتىق بولغان باھالاش سىنىقىنى يولغا قويۇپ، نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تەكشۈرۈشىنى كۈچەيتىشى كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتقۇزماسلىق ھادىسىسىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، جايلار مەسىلىنىڭ يۆنىلىشى ئارقىلىق خىزمىتىنى ياخشىلاپ، نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئاممىنىڭ ئېتىراپ قىلىشى، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش لازىم.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر