باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

دېموكراتىك ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ يېڭى سەھىپە يارىتايلى

___ سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 5-يىغىنىنىڭ يېپىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

2017.03.14 16:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پۈتۈن زېھنىمىز بىلەن چوڭ پىلاننى مۇلاھىزە قىلىپ، بىر نىيەتتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ياخشى تەدبىر ئۈستىدە ئىزدىنەيلى. سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 5- يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى تولۇق تاماملاپ 13-مارت بېيجىڭدا غەلىبىلىك يېپىلدى. بىز يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!

  يىغىننىڭ ئىستىلى دۇرۇس، كەيپىياتى توغرا، مۇزاكىرىسى قىزغىن، مول نەتىجىلىك بولۇپ، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ. نەچچە كۈندىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى سىياسىي كېڭەشنىڭ ساھەلەر بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئەزالارنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئاڭلاپ، دۆلەت ئىشلىرىنى بىرلىكتە كېڭىشىپ، كەلگۈسىنى ئورتاق پىلانلىدى. سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئەستايىدىل ۋە ئىجتىھات بىلەن ئادا قىلىپ، سىياسىي كېڭەش12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 5-يىغىنىنىڭ تەكلىپ خىزمىتى دوكلاتىنى ئاڭلىدى ۋە ئۇنىڭغا قاراپ چىقتى؛ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىپ، «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات» ۋە باشقا ئالاقىدار دوكلاتلارنى ئاڭلىدى ھەم مۇزاكىرە قىلدى، ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسىنى چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىپ، كۆپلىگەن توغرا ۋە ئېنىق پىكىر-تەكلىپلەرنى بەردى. ئەزالار سىياسىي جەھەتتىن كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ئۇنى مۇھاكىمە قىلىش فۇنكسىيەسىنى ئەستايىدىل جارى قىلدۇرۇپ، باراۋەر مۇزاكىرە قىلىپ، سەمىمىيلىك بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، تىرىشىپ ئەڭ چوڭ ئومۇمىي بۆلگۈچنى ئىزدەپ، ئەڭ چوڭ مەركەزداش چەمبەرنى سىزىپ، ئىسلاھات ئاكتىپ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈمىنىڭ كۈچلۈك ھاياتىي كۈچى ۋە سىياسىي ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلدى.

  دېموكراتىيە ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتىدۇ، كېڭىشىش ئومۇمنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى مۇجەسسەملەيدۇ. يىغىن مەزگىلىدە باش شۇجى شى جىنپىڭ زىيالىيلارنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇشى، دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتى ئۈچۈن كۆپرەك تۆھپە قوشۇشى توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى، زىيالىيلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئۇلارنى ھۆرمەتلەش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ زىيالىيلارغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ئۈمىد كۈتىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. سىياسىي كېڭەشنىڭ 2000 دىن كۆپرەك ئەزاسى مەسىلىدىن ئۆزىنى قاچۇرماي، زىددىيەتلەرنى يوشۇرماي، راست سۆزلەپ، ئەمەلىي ئەھۋال ئۈستىدە توختالدى، ئاساسلىق، يوللۇق، مەقسەتلىك، ماھىيەتلىك گەپلەر، ئەقىل-پاراسەتكە تولغان تەكلىپلەر، راستچىل-ئەمەلىيەتچىل مۇزاكىرىلەردە ئىسلاھاتقا كۈچ قوشۇش ئۈچۈن، تەرەققىيات ئۈچۈن چارە-تەدبىر كۆرسىتىلدى. يىغىن غەلىبىلىك ئېچىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىش، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىغا مۇلازىمەت قىلىش ئورتاق تونۇشى مۇجەسسەملەندى، كۈچ توپلاندى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر