باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

«ئاياللار دەۋرى» نى تېخىمۇ نۇرلاندۇرايلى

«خەلق گېزىتى» ئوبزورچىسى

2017.03.08 16:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىللىق باھار شامىلى ئۆسۈملۈكلەر ۋە كائىناتنى ئويغاتتى. ئۆسۈملۈكلەر بىخ چىقىرىپ، مەۋجۇداتلار ئويغىنىۋاتقان گۈزەل مەزگىلدە، 107-قېتىملىق خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمى يېتىپ كەلدى. بۈگۈن ئاياللارنى تەبرىكلەپ يېنىڭلاردىكى ھەر بىر ئايالغا چوڭقۇر ھۆرمىتىڭلارنى بىلدۈرۈڭلار.

  مۇتەپەككۇرلار «جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىغا قاراپ توغرا مۆلچەرلىگىلى بولىدۇ» دېگەن. دۇنيادا ئاياللار ھوقۇقى تۇنجى خىتابنامىسى بارلىققا كەلگەندىن تارتىپ «8-مارت» خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمى تەسىس قىلنغىچە، ب د ت ئاياللار ئورنى كومىتېتىنى قۇرغاندىن تارتىپ، «ھەرقانداق شەكىلدىكى ئاياللارنى كەمسىتىشنى تۈگىتىش شەرتنامىسى» ماقۇللانغىچە، ئىشقا ئاشۇرۇش قىيىن بولغان نۇرغۇن ئارزۇلار ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئېلىمىزدە ئاياللار يېرىم دۇنيا بولۇپلا قالماي، يەنە پۈتكۈل جەمئىيەتنى ئىللىتقۇچى. ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ تەكلىپ-تەۋسىيە بېرىدىغان ئەڭ چوڭ سارايدا، ئايال ۋەكىللەر ۋە ئەزالار مەسئۇلىيىتىنى بەجانىدىل ئادا قىلىپ، ئىككى يىغىندا رولىنى جارى قىلدۇردى؛ جېجياڭ ۋېنلىڭنىڭ خەلق تۇرمۇشى توغرىسىدا سەمىمىي سىردىشىش يىغىنى نەق مەيدانىدا، كۆپچىلىك ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، «جىنس ئايرىمىسى خامچوتى» ئارقىلىق ئەر-ئايال باراۋەرلىكىنى قوغدىدى. ئېلىمىزدىكى ئاياللار بۇرۇنقىدىن تېخىمۇ تولۇق ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولدى ھەم ھوقۇقىنى ھەسسىلەپ قەدىرلىدى.

  ئاياللار بولمىسا، ئىنسانىيەت ۋە جەمئىيەت بولمايدۇ. ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىگە نەزەر سالساق ئاياللارنىڭ ئىزى بار؛ بۈگۈنگە نەزەر سالساق، ئاياللارنىڭ ئۈستۈنلىكى، جەلبكارلىقى بارغانسېرى گەۋدىلەنمەكتە. 12 يىلدىن كېيىن، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى سەھنىسىگە قايتا قەدەم قويغان جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى، «كۆك ئەمەن جەۋھىرى تىلغا ئېلىنسىلا كۆڭلى يايراپ كېتىدىغان» ئالىم تۇ يۇيۇ، بىپايان ئالەم بوشلۇقىدا باتۇرلۇق بىلەن تۇرغان ئالەم ئۇچقۇچىسى ليۇ ياڭ، «ئىلىم-پەن ئىلاھەسى» دەپ نام ئالغان ياش دوكتور ئاسپىرانت يېتەكچىسى يەن نىڭ...مەيلى پەن تەتقىقاتنىڭ 1-سېپى، ياكى ماھارەت مۇسابىقىسى مەيدانى بولسۇن، ھەممىلا جايدا ئاياللارنىڭ زەربىدارلىقى نامايان قىلىنىپ، ھەممە جايدا خۇشپۇراق چاچتى. تېخىمۇ كۆپ ئاياللار ئەمەلىي نەتىجىسى ئارقىلىق ھۆرمەتكە ئېرىشتى، جەمئىيىتىمىز «ئاياللار دەۋرى» گە ئۈنسىز قەدەم قويىۋاتىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر