باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

باھاردىكى ئىمتىھان قەغىزى

-خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنىدىن بۇيانقى خىزمەتلىرى توغرىسىدا مۇلاھىزە

2017.02.28 14:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. كۈنلەر ئۆتۈپ يەنە بىر يىللىق تەنتەنىلىك يىغىن مەزگىلى يېتىپ كەلدى.

  «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ، تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈش، سەككىز قانۇننى بېكىتىش، ئالتە قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش، بىرقانچە زور مەسىلىنى قارار قىلىش...

  بۇ، باھاردىكى ئىمتىھان قەغىزى، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنىدىن بۇيان، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش روھى، ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلى بىلەن، قانۇن چىقىرىش، نازارەت قىلىش، ۋەكىللەر خىزمىتى قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەشلەر ۋە يېڭى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى.

  چىقىرىلغان قانۇن كۆپ، سالمىقى ئېغىر، رىتىمى تېز بولدى

  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنىدىن بۇيانقى قانۇن چىقىرىش خىزمىتى يولىنى راۋانلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى: سانى كۆپ، سالمىقى ئېغىر، رىتىمى تېز بولدى.

  دائىمىي كومىتېتى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا مۇناسىۋەتلىك چوڭ-چوڭ قانۇن چىقىرىش تۈرلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك قانۇن چىقىرىش نەتىجە قەغىزىنى تاپشۇردى: بۇ يىل 2-ئاينىڭ 24-كۈنىگىچە، جەمئىي سەككىز قانۇن چىقاردى؛ 27 قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزدى؛ قانۇنغا ئالاقىدار يەتتە مەسىلىنى قارار قىلىپ ماقۇللىدى؛ بىر قانۇندىن چۈشەنچە بەردى؛ بىر قانۇن لايىھەسى، قانۇنىي مەسىلىگە ئالاقىدار ئۈچ قارار لايىھەسىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر