باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيە بىلەن ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ ئاكتىپ كۈچىنى مۇجەسسەملەيلى

___ سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنىنىڭ ئېچىلىش ھارپىسىدا

2017.02.27 16:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئېچىلىش ئالدىدا، جايلاردىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، تولۇپ تاشقان ھېسسىيات بىلەن باھاردىكى بۇ ئۇچرىشىشقا ئاتلاندى.

  يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ باش تېمىدا چىڭ تۇرۇپ، مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، سوتسىيالىستىك كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيەنىڭ مۇھىم يولى ۋە مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى بولۇشتەك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۇختا، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، كېڭىشىپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشتا مول نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، دېموكراتىك نازارەتچىلىكنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى ئېشىپ، ئىتتىپاقلىق، دوستلۇقنى كەڭ كۆلەمدە كېڭەيتىپ، «13-بەش يىل»دە ياخشى باشلىنىش ھاسىل قىلىش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشتى. كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى بولۇپ، غايەت زور ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى.

  مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نورمال ھالەت شەكىللەندۈرۈپ، كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيەنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرەيلى

  كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيە، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى جۇڭگو دېموكراتىك سىياسىيسىدا ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنغان سۆز، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدا تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن تارتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە نۇقتىلىق بايان قىلىنىپ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نى بېسىپ تارقاتقۇچە، «كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيە» نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت جەھەتتىن ئۈزلۈكسىز موللاشتى ۋە كېڭەيدى. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپىسىگە ئايلاندى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئۆز خاراكتېرىنىڭ ئورنىنى توغرا بېكىتىپ، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۆزلەپ، كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيەنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىننى باشلامچى، مەخسۇس تېمىلىق ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش خاراكتېرىدىكى دائىمىي كومىتېت يىغىنى ۋە مەخسۇس تېمىلىق كېڭىشىش يىغىنىنى مۇھىم نۇقتا، قوش ھەپتىلىك كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى، سىستېما بويىچە كېڭىشىش، تەكلىپ بېجىرىشتە كېڭىشىش قاتارلىقلارنى نورمال ھالەت قىلغان كېڭىشىپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ئەندىزىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيەنىڭ كەڭ دائىرىدە، كۆپ قاتلام، تۈزۈملىشىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر