باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

رەھبىرىي كادىرلار جەزمەن قاتتىق تەلەپچان بولۇشى كېرەك

___ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى تەتقىقات ۋە مۇھاكىمە كۇرسىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (4)

2017.02.17 15:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار جەزمەن تەلەپچانلىقىنى كۈچەيتىپ، ئېھتىياتچان بولۇپ، دائىم ئۆزىنىڭ ئىش – ھەرىكىتىنى پارتىيە نىزامنامىسىگە سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىپ، ئەخلاقى، مىجەز – خۇلقىنى چېنىقتۇرۇپ، كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ سىياسىي خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلىشى كېرەك». باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىسىدىكى تەتقىقات ۋە مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا رەھبىرىي كادىرلارنىڭ جەزمەن قاتتىق تەلەپچان بولۇشىنى تەكىتلەپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ قاتتىق تەلەپچان بولۇشىنىڭ مۇھىملىقى ۋە زۆرۈرلۈكىنى بىلىش نەزەرىيەسى قاتلىمىدىن شەرھلەپلا قالماي، مېتودولوگىيە قاتلىمىدىن «تۆتكە ئەھمىيەت بېرىش» توغرىسىدىكى كونكرېت تەلەپلەرنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار بۇ تەلەپلەرنى جەزمەن ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، ئۆز-ئۆزىنى چەكلەشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش مىزانى، پاك-تەلەپچان بولۇش مىزانىغا ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، ھوقۇق يۈرگۈزۈش، پاكلىق، تىرىشچانلىق قۇرۇلۇشى جەھەتتە ساقلانغان مەسىلىلەرنى ئاڭلىق تەكشۈرۈپ ۋە ۋاقتىدا تۈزىتىپ، چىرىكلىك ۋە ئاينىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مەنىۋى توغاننى قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن ھەقىقىي مۇستەھكەملىشى كېرەك.

  رەھبىرىي كادىرلارنىڭ قاتتىق تەلەپچان بولۇشىنى نېمە ئۈچۈن گەۋدىلىك تەكىتلەيمىز؟ رەھبىرىي كادىرلاردا بەلگىلىك ھوقۇق بار، ئۇلار تۈرلۈك ئېزىقتۇرۇش ۋە قىلتاققا دۇچ كېلىپ، كۆپ ھاللاردا «ھۇجۇم قىلىش، ئۆزىگە قارىتىش، قورشاپ ئوۋلاش» ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالىدۇ، ئەگەر تەلەپچانلىقىنى كۈچەيتىشكە دىققەت قىلماي، نىشاندىن ئېغىپ كەتسىلا ھەر ۋاقىت «پايدىنىلا كۆرۈپ زىياننى كۆرمەيدىغان» قىلتاققا چۈشۈپ كېتىپ، ھەر زامان <شېكەر يالىتىلغان زەمبىرەك ئوقى>نىڭ زەربىسىگە ئۇچرىشى مۇمكىن. ۋەزىپىسىدىن چۈشۈپ كەتكەن كادىرلارنىڭ چۈشكۈنلىشىپ تۇتقۇنغا ئايلىنىپ قېلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ئۇلار ئۆزىنى ئاستا-ئاستا ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىپ، تەدرىجىي ھالدا ناچارلىشىپ، چۈشكۈنلىشىپ كەتكەن. بۇ، ئەگەردە رەھبىرىي كادىرلاردا ھوشيارلىق بولمىسا، تۆۋەن چەكنى مەمۇرىيەت يۈرگۈزگەن ۋاقىت، پارتىيەگە كىرگەن چاغدىن باشلاپ تۇرغۇزمىسا، ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىپ بولغىلى بولمايدىغانلىقىنى؛ ھوقۇقنى ئادىل ئىشلىتىش، ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىشلىتىش، قانۇن بويىچە ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، باشتىن-ئاخىر سەگەكلىكنى ساقلاپ، قاتتىق تەلەپچان بولغاندىلا، بىر سەۋەنلىكنىڭ دەردىنى ئۆمۈر بويى تارتىشتىن ساقلانغىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر