باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

پارتىيە ئىنقىلابىي روھىنى جەزمەن جارى قىلدۇرۇشى كېرەك

2017.02.17 13:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق گېزىتىنىڭ 16-فېۋرالدىكى سانىغا پارتىيە ئىنقىلابىي روھىنى جەزمەن جارى قىلدۇرۇشى كېرەك -باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە مىنىستىر دەرىجىلىكلەر مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ 3-مۇلاھىزىسى ماۋزۇلۇق ئوبزورچى ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

  ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: باتۇرلۇق بىلەن ئۆزىگە ئىنقىلاب ئېلان قىلىش پارتىيەمىزنىڭ ئەڭ روشەن خىسلىتى، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ ئەڭ زور ئۈستۈنلۈكى. ئۆلكە مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسى ئېچىلىش مۇراسىمىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن پارتىيە ئىنقىلابنى ئاداققىچە ئېلىپ بېرىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزىدە ساقلانغان مەسىلىلەرنى ئازراقمۇ بىخۇدلۇق قىلماي ھەل قىلىپ، باشتىن ئاخىر دەۋر،ئەمەلىيەت، خەلقنىڭ تەلىپىگە يېتىشىپ مېڭىشنى تەكىتلىدى. سۆزنىڭ روھىنى خىزمەت داۋامىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆزىگە ئىنقىلاب ئېلان قىلىش جاسارىتىنى نامايەن قىلىپ، كونىنىڭ ئورنىغا يېڭىسىنى دەسسىتىش، يېڭىلىققا كۆچۈش داۋامىدا ئۆزىدىن ھالقىپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىغا ھاياتى كۈچ قوشۇش لازىم.

  ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىپ، ئۆز جاسارىتى بىلەن پارتىيە ئىچىدىكى جاھىللىققا پىچاق ئۇرۇپ، پارتىيەمىزنىڭ ئۆزىگە ئىنقىلاب ئېلان قىلىش ئىرادىسىنى گەۋدىلەندۈردى. نەزەرىيەدە، ئەمەلىيەتتە، تۈزۈمدە يېڭىلىق ياراتتى؛ جۇڭگونىڭ ئىنقىلابىي تەرەققىيات نەتىجىلىرىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى دەل پارتىيەمىزنىڭ ئۆز ئۆزىدىن مەڭگۈ قانائەتلەنمەسلىك، مەڭگۈ ھۇرۇنلۇق قىلماسلىق خىسلىتىدە، پارتىيەمىزنىڭ داۋاملىق ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈش، يېڭىلاش، ئۆز سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش روھىنىڭ بولغانلىقىدا.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر