باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

خەلق گېزىتىنىڭ ئوبزورى: «مەركەزنىڭ نوپۇزىنى قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا توغرىلىنايلى»

2017.02.16 16:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ بۇيرۇقىغا قاتتىق ئەمەل قىلىش پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك، بۇ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنىڭ ئاساسى». باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆلكە، مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىسىدىكى مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قوغداش، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇشقا ئېنىق تەلەپ قويدى، پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى، پۈتكۈل پارتىيە ئەزالىرى بولۇپمۇ ھەر دەرىجىلىك كادىرلاردىن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا، پارتىيەنىڭ نەزەرىيەسى، لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىگە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا توغرىلىنىشىنى تەكىتلىدى.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قوغداش پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش، «يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيەنىڭ ئىچكى سىياسىي تۇرمۇشى ھەققىدىكى بىر قانچە مىزان»، «جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ئىچكى نازارەتچىلىك نىزامى»نى ئىزچىل ئىجرا قىلىشنىڭ مۇھىم تەلىپى. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتا ئالدى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك، بىرلىككە كەلگەن رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تۈزگەن نەزەرىيە ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلەر پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىدىيەسى، ئىرادىسى، ھەرىكىتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنىڭ ئاساسى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى بولغاندىلا، ئاندىن پۈتۈن پارتىيە ئۇيۇشۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرالايدۇ، ھەممە بىر نىيەتتە ئىنتايىن قۇدرەتلىك كۈچ ھاسىل قىلالايدۇ.

  پارتىيەنىڭ تارىخى، يېڭى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات تارىخى بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، پارتىيەمىزنى، دۆلىتىمىزنى ياخشى ئىدارە قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە مەركەزلىك بىرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قوغداش ئىنتايىن مۇھىم. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا توغرىلىنىپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇملۇق ئېڭى، يادرولۇق ئېڭى ۋە توغرىلىنىش ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتكەندىلا، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ئاندىن قۇدرەتلىك كۈچكە ئىگە بولىدۇ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئىشلىرى ئاندىن مەڭگۈ روناق تاپىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر