باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

پارتىيە ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھىنى جەزمەن جارى قىلدۇرۇشى كېرەك

___ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى تەتقىقات ۋە مۇھاكىمە كۇرسىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (3)

2017.02.16 15:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشقا جۈرئەت قىلىش پارتىيەمىزنىڭ ئەڭ روشەن خىسلىتى ھەم ئەڭ زور ئەۋزەللىكى». باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىسىدىكى تەتقىقات ۋە مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا پۈتۈن پارتىيەدىكىلەردىن ئىنقىلابنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرۇش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزىدە ساقلانغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى بىر مىنۇتمۇ بوشاشتۇرماي، باشتىن-ئاخىر دەۋرگە، ئەمەلىيەتكە، خەلقنىڭ تەلىپىگە ئەگىشىپ مېڭىشنى تەلەپ قىلدى. سۆزنىڭ روھىنى خىزمەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش جاسارىتى ئارقىلىق كونىنىڭ ئورنىغا يېڭىنى دەسسىتىش، توغرا ئىشقا ئەمەل قىلىپ يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا ئۆزىدىن ھالقىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىغا ئۈزلۈكسىز ھاياتىي كۈچ قوشۇش كېرەك.

  پارتىيەمىز 95 يىلدىن كۆپرەك ئۇزاق تارىخقا ئىگە ماركسىزملىق پارتىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقى خاتالىق ئۆتكۈزمەسلىكتە بولماستىن، بەلكى ئۆزىنىڭ كەمچىلىك ۋە يېتەرسىزلىكىنى يوشۇرماي، ئاكتىپلىق بىلەن تۈزىتىپ، مەسىلىلەرگە دادىللىق بىلەن بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، ناھايىتى كۈچلۈك بولغان ئۆزىنى ئوڭشاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغانلىقىدا. پارتىيەمىز نېمە ئۈچۈن ھازىرقى زامان جۇڭگودىكى تۈرلۈك سىياسىي كۈچلەرنىڭ تەكرار كۈچ سىنىشىشىدا باش كۆتۈرۈپ چىقالىدى؟ نېمە ئۈچۈن باشتىن-ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تايانچىسىغا ئايلىنالىدى؟ بۇنىڭدىكى تۈپ سەۋەب پارتىيەمىزنىڭ باشتىن-ئاخىر خاتالىقنى ئېتىراپ قىلىش ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىش جاسارىتىنى ساقلاپ، ئۆزىدىكى «كېسەل»نى ۋاقتىدا «داۋالاپ»، ئۆزىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلغانلىقىدا. بۇنداق ئىقتىدار ھەم پارتىيەمىزنىڭ دۇنيادىكى باشقا پارتىيەلەردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان روشەن بەلگىسى، ھەم پارتىيەمىزنىڭ مەڭگۈ گۈللەپ راۋاجلىنىشىدىكى مۇھىم سەۋەب.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر