باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

خەلق گېزىتىنىڭ «بايرىقىمىز روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرەيلى» ماۋزۇلۇق ئوبزورى

2017.02.15 15:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «بايرىقىمىز روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرەيلى» ماۋزۇلۇق ئوبزور ئېلان قىلىندى.

  ماقالىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئۆلكە، مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس كۇرسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. دەل باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكىتلىگەندەك، سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش ماركسىزملىق پارتىيەنىڭ تۈپ تەلىپى، پارتىيەمىزنىڭ كالتسىي تولۇقلاپ، ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈشنىڭ تۈپ كاپالىتى، پارتىيەمىزنىڭ ئىنقىلابى جاسارەت يېتىلدۈرۈشى، ئۆز ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى، زەھەر-باكتېرىيەلەرنى تازىلاپ، سىياسىي ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشىدىكى تۈپ يول. سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشتىن مەقسەت-پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىرادىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، پارتىيەنىڭ پىروگراممىسى ۋە نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىرلىكتە كۈرەش قىلىش؛ ئەلرايى ئەڭ چوڭ سىياسىي ھېسابلىنىدۇ، سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشتە پارتىيەنىڭ ئاممىۋىي لۇشيەنى، پارتىيەنىڭ باش مەقسىتى، پارتىيەنىڭ خەلق بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك.

  سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش كونا مۇقامنىڭ تەكرارلىنىشى ئەمەس، «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»دىكى ئەڭ سولچىل سىياسىيمۇ ئەمەس، بەلكى ناھايىتى كۈچلۈك رېئال قاراتمىلىققا ئىگە. يېڭى دەۋر مۇھىتىدا، سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قوغداش، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇش؛ پارتىيەنىڭ ئىچكى سىياسىي تۇرمۇشىنىڭ سىياسىيلىقى، دەۋرلىكى، پىرىنسىپچانلىقى، جەڭگىۋارلىقىنى كۈچەيتىش؛ مەسىلىلەرگە يۈزلىنىشكە جۈرئەت قىلىپ، دادىللىق بىلەن ئۆزئۆزىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئۆز ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك؛ سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش رەھبىرىي كادىرلاردىن قاتتىق تەلەپچان بولۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىشتەك سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر