باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئۇنۋان تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر» نى بېسىپ تارقىتىپ، ئۇنۋان تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھ قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى

ئۇنۋان ئىسلاھاتى ئارقىلىق ئىختىساسلىقلارغا قانداق پايدا يەتكۈزۈلىدۇ؟

2017.02.14 15:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. بۇ قېتىمقى ئۇنۋان تۈزۈمى ئىسلاھاتىدا ئۇنۋان چەتئەل تىلى ئىمتىھانىغا بىر تۇتاش تەلەپ قويۇلمايدۇ. «شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، بىر تۇتاش تەلەپ قويۇلماسلىق كۆپچىلىكنى چەتئەل تىلىنى ئۆگەنمىسىمۇ بولىدۇ، دېگەنلىك، ئەمەس». ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى كەسىپ تېخنىكا مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى يۈ جيادۇڭ مۇنداق دېدى: «ئېلىمىزنىڭ دۇنيا سەھنىسىدە تېخىمۇ مۇھىم رول ئوينىشىغا ئەگىشىپ، خەلقئارا ئالاقىمۇ بارغانسېرى كۆپىيىپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ چەتئەل تىلى سەۋىيەسىگە بەلگىلىك تەلەپ قويۇلدى. شۇڭا يۆنىلىش نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، يەنىلا كۆپچىلىكنى چەتئەل تىلى سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈشىگە رىغبەتلەندۈرىمىز».

  بۇنىڭدىن باشقا، ئىسلاھاتتا ئىلمىي ماقالىنى ئەمەلىي تىپلىق ئىختىساسلىقلارنى چەكلەيدىغان باھالاش شەرتى قىلىۋالماي، كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئىش ئورنى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش خىزمەت ئۈنۈمى، يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسى، ئاشۇرغان تېخنىكا ئىجادىيىتى، پاتېنتى، نەتىجىنى ئايلاندۇرىشى، تېخنىكىنى كېڭەيتىشى، ئۆلچەم بېكىتىشى، تەدبىرلەردىن مەسلىھەت سورىشى، جامائەت مۇلازىمىتى قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەرنىڭ سالمىقىنى باھالاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، پەن تەتقىقات نەتىجىسى ئارقىلىق ياراتقان ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمىنى ئۇنۋان باھالاشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  جۇڭگو كادىرلار ئىشلىرى ئىلمىي تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋۇ جياڭ مۇنداق دېدى: «ئۇنۋان ئىسلاھاتىدا بىر يۆنىلىش بەلگىلەنگەن، يەنى ئىختىساسلىقلارنى باھالاشتا ئەخلاق، ئىقتىدار، تۆھپىسىنى باھالاش، بەزى ئىلمىي ماقالىسى، ئوقۇش تارىخى، ئىستاژى، كومپيۇتېر، چەتئەل تىلىنى باھالاشقىلا تايىنىۋالماي، كۆپچىلىكنىڭ ئېيتقىنىدەك، خىزمەتتە » لاياقەتلىك بولغانلارغا ئۇنۋان بېرىش كېرەك».

  بىر تەرەپتىن، ئۇنۋان باھالاش شەكلىنى موللاشتۇرۇپ، كەسىپداش مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھالىشىنى ئاساس قىلغان ئىچكى باھالاش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، بازار باھالاش ۋە جەمئىيەت باھالاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، شارائىتى يار بەرگەن رايونلارنىڭ ئاساسىي قاتلام كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئۇنۋانىنى باھالاش كومىتېتى ياكى باھالاش گۇرۇپپىسىنى مۇستەقىل قۇرۇپ، ئۇنۋان باھالاشنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئىلمىيلىقىنى ئۆستۈرۈشكە ئىلھام بېرىلىدۇ.

  ۋۇ جياڭ مۇنداق قارىدى: بۇ ئىسلاھاتتا، «كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ بىر-بىرىنى نازارەت قىلىش» روھى نامايان قىلىنغان، ئىختىساسلىقلارنى باھالاشنىڭ ئۇسۇللىرى ناھايىتى كۆپ، بىراق ئىچكى باھالاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، «مەسىلەن: دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ ئۇنۋانىنى يېزا ئىگىلىك مۇتەخەسسىسلىرى باھالىشى، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ ئۇنۋانىنى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپى مۇتەخەسسىسلىرى باھالىشى، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋانىنى ئۇنىۋېرسىتېت پىروفېسسورلىرى باھالىماسلىقى كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندا، ئىختىساسلىقلار سىيەسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىنى تېخىمۇ ئىلمىي باھالىغىلى بولىدۇ».

  يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇنۋان باھالاش ھوقۇقىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى سۇبيېكتلارنىڭ ئۇنۋان باھالاشتىكى يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئالىي مەكتەپ، دوختۇرخانا، پەن تەتقىقات يۇرتلىرى، ئورۇنلىرى، چوڭ تىپتىكى كارخانىلار ۋە باشقا ئىختىساسلىقلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتى مۇجەسسەملەنگەن كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلار باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسى بويىچە ئۆز ئالدىغا ئۇنۋان باھالاشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

  «پىكىر» دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: نوپۇس، رايون، سالاھىيەت، ئارخىپ، كادىرلار مۇناسىۋىتى قاتارلىقلارنىڭ چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، پايدىلىق شارائىت ھازىرلاپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىك تەشكىلاتلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، ئەركىن كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچى كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئۇنۋانىنى يوللاش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. پەن-تېخنىكا، مائارىپ، داۋالاش، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەرنىڭ پۇقراۋى ئاپپاراتلىرىدىكى كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى بىلەن ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىدىكى كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى ئۇنۋان باھالاش قاتارلىق جەھەتلەردە باراۋەر تەمىناتتىن بەھرىمەن بولىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر