باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش جەريانىدا پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيە سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

2017.02.14 15:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نۆۋەتتە، جايلار، ئورۇنلار ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرماقتا. پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ۋەكىل سايلاش تەرتىپىنى قاتتىق تۇتۇش، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى ياخشى سايلاپ، ۋەكىللەرنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ۋەكىللىكلىكىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. ھەر دەرىجىلىك پارتگۇرۇپپىسى پارتىيە نىزامنامىسى ۋە مەركەزنىڭ ئىش بېجىرىش تەلىپى بويىچە بەلگىلەنگەن تەرتىپ-باسقۇچلارغا قاتتىق بويسۇنۇپ، دېموكراتىيە سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، مەركەزنىڭ تەلىپىگە ماس كېلىدىغان، پارتىيە ئەزالىرى ھىمايە قىلىدىغان پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاپ چىقىشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيە پارتىيەنىڭ جېنى. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ دېموكراتىيە-مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى پىرىنسىپى بويىچە دېموكراتىيە ھوقۇقى يۈرگۈزۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشقا قاتنىشىشىنىڭ مۇھىم يولى ۋە ئۇسۇلى. پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيەنى ئەۋج ئالدۇرۇش بىلەن پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاشنىڭ پۈتۈن جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك.

  پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىغا ھۆرمەت قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقى، قاتنىشىش ھوقۇقى، سايلام ھوقۇقى ۋە نازارەت قىلىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، پائال شارائىت ھازىرلاپ، پارتىيە ئەزالىرىنى تەرتىپلىك قاتنىشىشقا يېتەكلەپ، ھەر بىر پارتىيە ئەزاسىنىڭ ئارزۇسىنى ئۆز ئالدىغا، تولۇق ئىپادىلەپ، سايلاپ چىققان ۋەكىللەرنىڭ كۆپ قىسىم پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىرادىسىنى گەۋدىلەندۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ۋەكىللەرنى سايلاش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاشتا تۆۋەندىن يۇقىرىغا، يۇقىرى-تۆۋەننى بىرلەشتۈرۈش، قايتا-قايتا ئويلىشىش، دەرىجىمۇ-دەرىجە تاللاش چارىسىنى قوللىنىپ، نامزات كۆرسىتىش، تەكشۈرۈشكە تەشكىللەش، ۋەكىل نامزاتلىرىنىڭ دەسلەپكى نامزاتلار ئىسىملىكىنى بېكىتىش، ۋەكىل نامزاتلارنىڭ كاندىدات نامزاتىنى بېكىتىش ۋە يىغىن ئېچىپ سايلاشتىن ئىبارەت بەش ئاساسلىق ھالقىغا ئايرىش كېرەك. ھەر بىر ھالقىنى تەرتىپ بويىچە قاتتىق ئادا قىلىپ، ئۆلچەمدىن چەتنىمەسلىك، بۇزماسلىق، ئاددىيلاشتۇرماسلىق كېرەك. مەسىلەن، نامزات كۆرسەتكەندە ئاممىۋى لۇشيەندە مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاپ، بوشلۇق قالماسلىق؛ تەكشۈرۈشكە تەشكىللىگەندە چوقۇم ئارتۇق نامزاتلىق تەكشۈرۈش ۋە تەكشۈرۈش ئېلانى بېرىشنى يولغا قويۇپ، نامزاتلارنىڭ پاكلىق ئەھۋالىنى بىرمۇ-بىر تەكشۈرۈش ۋە خۇلاسىلەش؛ ۋەكىل نامزاتلىرىنىڭ دەسلەپكى نامزاتلىرىنى بېكىتكەندە، ئۇقتۇرۇش چىقىرىش ئارقىلىق ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى، پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاممىنىڭ تەكلىپلىرىنى يەنىمۇ ئاڭلاپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى، كارخانا جەھەتلەردىكى دەسلەپكى نامزاتلارنى بېكىتكەندە مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش، كەسىپنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتارلىق تارماقلارنىڭ پىكرىنى قاراتمىلىق ھالدا ئاڭلاش كېرەك. تەرتىپلەرنى خالىغانچە ئاددىيلاشتۇرۇپ، بۇزۇپ، بەلگىلىمىدە بەلگىلەنگەن تەرتىپلەرنى قىسقارتىپ ياكى ئىجرا قىلىش تەرتىپىدە رەسمىيەتچىلىك قىلىپ، ناچار ئاقىۋەت ۋە تەسىر كەلتۈرۈپ چىقارغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر