باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

سىياسىيغا جەزمەن بايرىقىمىز روشەن ھالدا ئەھمىيەت بېرەيلى

- باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى تەتقىقات ۋە مۇھاكىمە كۇرسىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (1)

2017.02.14 15:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «پارتىيەمىز ماركسىزملىق پارتىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن، سىياسىيغا جەزمەن بايرىقى روشەن ھالدا ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى كەسكىنلىك، ئەستايىدىللىق بىلەن قانات يايدۇرۇشى كېرەك». باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىسىدىكى تەتقىقات ۋە مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئومۇمىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىر قاتار زور مەسىلىلەرنى تەپسىلىي بايان قىلدى. بۇ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا مۇھىم ھەم چوڭقۇر يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. ھازىر پۈتۈن پارتىيەنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشى ئۈچۈن ئىدىيەۋى – سىياسىي تەييارلىقنى پۇختا قىلىش.

  پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا ئالدى بىلەن سىياسىي جەھەتتىن قاراش كېرەك. پارتىيەمىز ماركسىزملىق پارتىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن، سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشنى ئىزچىل مۇھىم تەلەپ قىلىپ كەلدى. قاچانكى پۈتۈن پارتىيەدىكىلەر سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش نورماللاشسا، ساغلاملاشسا پارتىيەمىزدە ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولۇپ، پارتىيەمىز ئىتتىپاقلىشىپ بىرلىككە كېلىپ، ھاياتىي كۈچكە تولىدۇ، پارتىيە ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىدۇ؛ ئەكسىچە بولغاندا ئىللەتلەر كۆپىيىپ، كىشىلەرنىڭ رايى يېنىپ، جەڭگىۋارلىق يوقىلىپ، تۈرلۈك خاتا ئىدىيەلەر ۋاقتىدا تۈزىتىلمەي، پارتىيە ئىشلىرىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، پارتىيە ئىچىدە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەر سىياسىي جەھەتتىن بارغانسېرى تولۇق ئاشكارىلاندى. سىياسىي جەھەتتىكى مەسىلىلەر چوقۇم سىياسىي جەھەتتىن ھەل قىلىنىشى كېرەك، مانا بۇ پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشنى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم تۇتقا، ماھىيەتتىن تۈزەش تەدبىرى قىلىشتىكى سەۋەبتۇر.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر