باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

بەش يىلنىڭ ئىچىدە يېڭىدىن 50 مىليون كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا قانداق كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؟

2017.02.07 16:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن يېقىندا «<13-بەش يىل>دىكى ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىرىك پىلانى»نى بېسىپ تارقىتىپ، 2020-يىلىغا بارغاندا ئىشقا ئورۇنلىشىش كۆلىمىنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن 50 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مەملىكەت بويىچە شەھەر-بازارلاردىكى تىزىمغا ئالدۇرۇلغان ئىشسىزلار نىسبىتىنى %5 ئىچىدە تىزگىنلەشنى ئوتتۇرىغا قويدى. يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىش ئورنىنى قانداق يارىتىش كېرەك؟ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قانداق مۇلازىمەتلەرگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؟ نۇقتىلىق كىشىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا قانداق تەدبىرلەر بار؟ مۇخبىر بۇ ھەقتە دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنى زىيارەت قىلدى.

  ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسى ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا. ھازىر، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى ئېغىرلاپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىگە بەلگىلىك خىرىس ئېلىپ كەلدى. دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، كۆپ خىل ئېھتىياج يارىتىش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇپ، كونا-يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ داۋاملىق ئالمىشىشى جەريانىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  بىر جەھەتتىن ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش ۋە يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى يېتىشتۈرۈش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. «ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش» ئىستراتېگىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش ۋە يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى تېز يېتىشتۈرۈش، ئىقتىسادنىڭ تىپنى ئۆزگەرتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئاساسلىق كۈچىگە ئايلاندى. ئالاقىدار مەسئۇل كىشى مۇنداق دېدى: مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش ئىسلاھاتىنى داۋاملىق زور كۈچ بىلەن چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازارنىڭ ئىجازەت شەرتى ۋە تۈزۈم خاراكتېرلىك سودا تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، ئىگىلىك تىكلەشكە پايدىلىق سىياسەت مۇھىتى بەرپا قىلىپ، ئىگىلىك تىكلەشكە قاتنىشىش نىسبىتى، مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىگىلىك تىكلەش نىسبىتىنى ئاشۇرۇپ، ئىگىلىك تىكلەشنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  يەنە بىر جەھەتتىن ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولىدىغان ئەنئەنىۋى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى قوغداش كېرەك. ئالاقىدار مەسئۇل كىشى مۇنداق دېدى: ئەنئەنىۋى ياسىمىچىلىق ۋە مۇلازىمەت كەسپى قاتارلىق ئەنئەنىۋى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى يەنىلا ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى تېز يېتىشتۈرۈش بىلەن بىرگە ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولىدىغان ئەنئەنىۋى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولىدىغان «قوش موتور» بەرپا قىلىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر