باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

يېزا ئىگىلىكىدە تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرەيلى

2017.02.06 15:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چاغان ئاياغلىشىشى بىلەنلا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «يېزا ئىگىلىكىدە تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلاردا يېڭى ئېنېرگىيەلىك كۈچلەرنى تېز يېتىشتۈرۈشكە دائىر بىرقانچە پىكىر»نى ئېلان قىلدى. بۇ يېڭى ئەسىر كىرگەندىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان 14- قېتىم چىقارغان مەركەزنىڭ 1-نومۇرلۇق ھۆججىتى. بۇ يىللىق مەركەزنىڭ 1-نومۇرلۇق ھۆججىتى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى مەۋقە، يېزا ئىگىلىكىدە تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، تەرەققىيات يېڭى ئېنېرگىيەلىك كۈچلىرىنى تېز يېتىشتۈرۈشنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، بىر قاتار يېڭى سىياسەت، يېڭى تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ بۇ يىللىق ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك يېزا ئىگىلىكى، يېزا خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە ئىنتايىن مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.

  ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 2016-يىلىدا يېزا ئىگىلىكى، يېزا تەرەققىياتى ئىزچىل ياخشى بولۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، «13-بەش يىللىق» ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ياخشى باشلىنىشى ئۈچۈن كۈچلۈك تايانچ بىلەن تەمىنلىدى. نەتىجىلەر ئالدىدا شۇنىمۇ ئېنىق تونۇپ يېتىش كېرەككى، يېزا ئىگىلىكى يەنىلا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى گەۋدىلىك كەمتۈكلۈك ھېسابلىنىدۇ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىدىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي نۇقتىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئومۇمىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى مۇھىم ھالقا. مەركەزنىڭ 1-نومۇرلۇق ھۆججىتىدە ئېنىق سىياسەت سىگنالى بېرىلدى: «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنى پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئورنىغا قويۇشتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىگە ئەھمىيەت بېرىش، يېزا ئىگىلىكىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش رىتىمىنى ئۆزگەرتمەسلىك، سالمىقىنى ئازايتماسلىق كېرەك.

  ھازىر، يېزا ئىگىلىكى، يېزا تەرەققىياتى يېڭى تارىخىي باسقۇچقا كىرىپ، ئىچكى سەۋەب بىلەن تاشقى مۇھىت ئارىسىدا زور ۋە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولماقتا. يېزا ئىگىلىكىدىكى ئاساسلىق زىددىيەت ئومۇمىي مىقدار يېتىشمەسلىكتىن قۇرۇلمىلىق زىددىيەتكە ئۆزگىرىپ، باسقۇچ خاراكتېرلىك تەمىنلەشنىڭ تەلەپتىن ئېشىپ كېتىشى بىلەن تەمىنلەشنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى تەڭ مەۋجۇت بولۇشتا گەۋدىلىك ئىپادىلىنىپ، زىددىيەتنىڭ ئاساسلىق تەرىپى تەمىنلەش ھالقىسىدا، بولۇپمۇ ئاساسلىقى قۇرۇلمىلىق، تۈزۈلمە خاراكتېرلىك مەسىلىلەر بولدى. يېڭى ۋەزىيەتنىڭ يېڭى تەلىپىگە ماسلىشىشتا چوقۇم مەسىلىنى ھەل قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، خىزمەت مۇھىم نۇقتىسىنى تەڭشەپ، يېزا ئىگىلىكىدە تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك يېزا ئىگىلىكى، يېزا خىزمىتىنىڭ ئاساسلىق لىنىيەسى قىلىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر