باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئىسلاھاتنى بوشاشتۇرماي تېز تەرەققىي قىلدۇرايلى

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 2016-يىللىق ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇلاھىزىسى

2017.02.03 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، 97 نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى ئورۇندىدۇق، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگىنىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى يەنە 194 ئىسلاھات ۋەزپىسىنى ئورۇندىدى، ھەرقايسى تەرەپلەر 419 ئىسلاھات لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئاساسىي ساھەلەرنىڭ <تۆت لىم سەككىز تۈۋرۈك> خاراكتېرلىك ئىسلاھاتى ئاساسىي رامكىسى ئاساسەن شەكىللەندۈرۈلدى».

  2016-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ يېڭى يىللىق ئولتۇرىشىدا، ئۆتكەن بىر يىللىق ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى سىجىل كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ياخشى ۋەزىيىتىنى ئىخچام ھەم چۈشىنىشلىك تەسۋىرلەپ، بىر يىلدىن بۇيان ئىسلاھاتتا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى.

  بۇ يىل، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى بارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «تاغدا يولۋاس بارلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ يەنە تاغا چىقىش» جاسارىتى بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، «قىيىن ئىش يوق ئالەمدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە» دەيدىغان ئەقىل-پاراسىتى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈپ، ئومۇمىيەتنى كۆزلەپ، «قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇرۇش» ئىرادىسى بىلەن مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈردى.

  قىيىنچىقىلقلارنى يېڭىپ، ئىسلاھاتنى بوشاشماي تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك

  بىر يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئومۇمىيەتنى كۆزلەپ، سىستېمىلىق پىلانلاپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا پۇختا قەدەم بېسىپ، ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈردى

  «ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى چوڭ ساراي قۇرۇلۇشىغا ئوخشاتساق، دەسلەپكى ئۈچ يىلدا ئۇلنى پۇختىلاپ، ماتېرىيال تاللاپ، تۈۋرۈك ياسايمىز، بۇ يىل تىرىشىپ ئاساسىي رامكىنى ياسايمىز. بۇ، باسقۇچ خاراكتېرلىك مۇھىم بىر نىشان. بۇ باسقۇچ خاراكتېرلىك نىشانغا يەتكەندە، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىغا پۇختا چوڭ قەدەم تاشلىغان بولىمىز».

  --شى جىنپىڭ

  2016-يىلى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ھەل قىلغۇچ مەزگىلى ۋە چوڭقۇر سۇ دائىرىسى ئالاھىدىلىكى تېخىمۇ روشەنلىشىپ، ئىسلاھاتنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى داۋاملىق ئېشىپ، ئىسلاھاتنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش ۋەزىپىسى بارغانسېرى مۈشكۈللەشتى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ باسقۇچ خاراكتېرلىك ئالاھىدىلىكى ۋە ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ئىسلاھات ئالاھىدىلىكىنى چوڭقۇر سىياسىي نەزىرى ۋە ئۆتكۈر كۈزىتىش ئىقتىدارى بىلەن پۇختا ئىگىلەپ، بىر قاتار ئىسلاھات يېڭى ئىدىيەلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، باشتىن-ئاخىر بىلىش نەزەرىيەسى ۋە مېتولوگىيە ئارقىلىق ئىسلاھاتنى توغرا يۆنىلىشكە قاراپ يېتەكلىدى.

  2016-يىلى يېڭى يىلدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭچىڭ شەھىرىگە بېرىپ، پورت، كارخانىلارنى كۆزدىن كەچۈرۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئىسلاھات ۋەزىيىتىنى ئىلمىي مۇھاكىمە قىلىپ ھۆكۈم چىقاردى؛ بۇ يىل، يەنىلا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر