باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

يېڭى يىللىق نىشان ئەمەلىي بولۇشى كېرەك

2017.02.03 14:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يىل بېشىدا، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر «بەش ئەمەلىي ئىش»، «ئون چوڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كادىرلارنىڭ يېڭى يىللىق نىشانغا قارىتا كۆڭلىدە سان بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئاممىنىڭ تىرىشىش يولىنى كۆرسىتىپ بەردى. لېكىن، قىسمەن جايلارنىڭ نىشانى ئېنىقسىز، رېئاللىققا ئۇيغۇن بولماي، «دېگەن بىلەن دېمىگەننىڭ، قىلغان بىلەن قىلمىغاننىڭ پەرقى يوق» بولۇشتەك ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

  يۈزەكى جەھەتتىن قارىغاندا بۇ نىشان بەلگىلەشتە كۆرۈلگەن مەسىلىدەك تۇرغان بىلەن، تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا يەنىلا مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلىش-قىلالماسلىق مەسىلىسىدۇر. بەزى جايلار نىشان بەك ئەمەلىي، پىلان بەك ئېنىق بولۇپ كەتسە، ئاخىرىدا نىشاننى ئورۇنداپ بولالماي، يۈزى چۈشۈپ، نەتىجە قازىنالماي، ئەل قەلبىنى ئۇتتۇرۇپ قويۇشتىن قورقىدۇ؛ بەزى تارماقلار قانداق ۋاقىتتا قانداق ئىش قىلىشىنى بىلمەي، نىشاننى خاتا بەلگىلەپ، يۇقىرىنىڭ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ نازارەت قىلىپ، ئۆزىگە ئىش تېرىپ بېرىشتىن ئەنسىرەيدۇ. بۇنداق قىلىپ مەسئۇلىيەتتىن قاچقاندا، يۈكنى يەڭگىللەتكەن بىلەن ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى قاچۇرۇپ قويىدۇ.

  نىشان بەلگىلەش باشقىلارغا كۆرسىتىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بۇ ئارقىلىق ئورتاق تونۇش مۇجەسسەملەپ، خەلققە بەخت يارىتىش ئۈچۈن. جايلار ئەمەلىيەتتىن چىقىش قىلىپ «2017-يىللىق كىچىك نىشان»نى ياخشى بەلگىلەپ، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى قەلبىگە پۈكۈشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر