باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

دۇنيا ئىقتىسادىنى چېكىندۈرۈشكە بولمايدۇ

2017.01.18 14:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «دۇنيا ئىقتىسادىنى چېكىندۈرۈش مۇمكىن بولمايدىغان ئىش، بۇ ھەم تارىخ ئېقىمىغىمۇ ئۇيغۇن ئەمەس»،«ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىغا ماسلىشىپ ھەم ئۇنىڭغا ياخشى يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنىڭ سەلبىي تەسىرىنى تۈگىتىپ، ئۇنى ھەر بىر دۆلەتكە، ھەر بىر مىللەتكە ياخشى نەپ يەتكۈزىدىغان قىلىش كېرەك». بۈگۈنكى دۇنيا مۇرەككەپ ئامىل ۋە مۇقىمسىزلىققا تولۇپ، «تەتۈر دۇنياۋىلىشىش» ئىدىيەسى كۆتۈرۈلۈشكە باشلىغاندا، رەئىس شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن داۋۇسقا بېرىپ، دۇنيا ئىقتىسادىغا قانداق قاراش، قانداق قىلىش، قانداق ئىشلەش دېگەن سوئاللارغا جۇڭگونىڭ جاۋابىنى بەردى. رەئىس شى جىنپىڭ دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ 2017-يىللىق يىللىق يىغىنىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلەپ، كەڭ نەزەر دائىرىسى، چوڭقۇر ئىدىيەسى، ئەمەلىي تەشەببۇسى بىلەن زامانغا قاراپ ئىش كۆرىدىغان، ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان چوڭ دۆلەت مەسئۇلىيىتىنى نامايان قىلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىشىغا كۈچلۈك ئاكتىپ كۈچ قوشتى.

  رايون خاراكتېرلىك توقۇنۇش، تېررورلۇق ۋە مۇساپىرلار مەسىلىسى ئالدىدا، نامراتلىق، ئىشسىزلىق، كىرىم پەرقىنىڭ چوڭىيىشىغا قارىتا كىشىلەر ئىختىيارسىز دۇنياغا زادى نېمە بولدى؟ ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى «ئەلى بابا»غا نىسبەتەن ئامەتمۇ-ئاپەتمۇ؟ دەپ سوئال قويدى. رەئىس شى جىنپىڭ ئېنىق قىلىپ، دۇنياغا قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇۋاتقان مەسىلىلەرنى نوقۇل ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىدىن كېلىپ چىققان دەپ قارىسا بولمايدۇ، بۇنداق قاراش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ ھەم مەسىلىنى ھەل قىلىشقىمۇ پايدىسىز، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ «ئۈچ چوڭ گەۋدىلىك زىددىيەت» بىلەن دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئۇزاق مەزگىل تۆۋەنلىشى، باي-كەمبەغەللىك پەرقى، جەنۇب بىلەن شىمال ئوتتۇرىسىدىكى پەرىقنىڭ تېخىمۇ گەۋدىلىشىشىنىڭ تۈپ سەۋەبىنى ئانالىز قىلىپ، «تۆتتە چىڭ تۇرۇش» ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىش ئەندىزىسىگە ماسلىشىش ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «تۆت يول» بىلەن جۇڭگونىڭ دۇنيا ئىقتىسادىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ قوشقاندىكى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى شەرھلەپ بەردى. ئۇنىڭ ھەر بىر ئېغىر سۆزى قەدىمىي مىللەتنىڭ دۇنيانى قوينىغا ئالغاندىكى ئەقىل-پاراسىتىنى، بىر تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتنىڭ ھەمكارلىشىپ ئورتاق يېڭىشتىكى قەتئىي تەشەببۇسىنى ئىپادىلەپ بەردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر