باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىشنىڭ مۇھىم تۈزۈم كاپالىتى

«خەلق گېزىتى» ئوبزورچىسى

2017.01.13 15:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «ھاكىم دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئورگانلىرىدىكى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىىغا دائىر بىرقانچە بەلگىلىمە» يېقىندا ئېلان قىلىندى، بۇ، پارتىيە ئىچى قانۇن-تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە قولغا كەلتۈرۈلگەن يەنە بىر مۇھىم نەتىجە بولۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىش، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ ئىدىيەۋى، سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

  دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى پارتىيە ىئچى سىياسىي تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولۇپ، پارتىيە ئىچى دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇش، پارتىيە ئىچى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش، رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ مۇھىم شەكلى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، پارتىيەنىڭ بىردەك ئىتتىپاقلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە پاكلىقىنى ساقلاشتىكى ئەڭگۈشتەر. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى تۈزۈملەشتۈرۈش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. «بىرقانچە بەلگىلىمە» گە تۈزۈتىش كىرگۈزۈش ۋە يولغا قويۇشتا، دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىچى سىياسىي تۇرمۇشىنى كۈچەيتىپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنى سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرولۇق ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەش، تەنقىد ۋە ئۆز-ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇش، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر