باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

"14 يىللىق ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش-تارىخنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ھېيىقىش" ماۋزۇلۇق ئوبزور

2017.01.12 14:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى 11-يانۋار " 14 يىللىق ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارىشى ئۇرۇش-تارىخنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ھېيىقىش" ماۋزۇلۇق ئوبزور ئېلان قىلدى.

  ئوبزوردا مۇنداق دېيىلدى: 1931-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى كەچتە ياپونىيە كانتون ئامىيەسى شېنياڭدىكى ليۇتاۋ كۆلىنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى نەنجىڭ مانجۇرى تۆمۈر يولىنى ۋەيران قىلىپ، قىسقىغىنا 4 ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، ياپونىيەنىڭ 3.5 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىغان جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىنىڭ ھەممە يېرىنى پالەچ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويدى، 30 مىليوندىن ئارتۇق شەرقىي شىمالدىكى قېرىندىشىمىز قۇل بولۇپ قالدى. شۇندىن كېيىنكى 14 يىلغا ئۇزارغان ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارىشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، جۇڭگودىكى ئارمىيە خەلقتىن 35 مىليون كىشى قازا قىلدى.

  ئوبزوردا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: بۇ قېتىم مائارىپ مىنىستىرلىقى دەرسلىككە تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە، 8 يىللىق ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارىشى ئۇرۇشنى بىردەك 14 يىللىق ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارىشى ئۇرۇشقا ئۆزگەرتىپ، ياپونىيەنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان جىنايىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەكس ئەتتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى، 18-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىنكى 14 يىللىق ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارىشى ئۇرۇش تارىخىنىڭ باش-ئاخىرى تۇتاشتۇرۇلغان بىردەكلىكىنى تەكىتلىدى.

  ئوبزوردا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئاجايىپ جاپالارنى تارتقان مىللەت، ئېچىنىشلىق تارىخنى ئەسلەپ ئۆتۈش كېرەك، قالاق بولسا دۇمبا يەيدىغان ساۋاقنى ئەستە چىڭ تۇتۇش لازىم.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر