باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

كۈچنى ساقلاپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنى قەدەممۇ-قەدەم پۇختا ئىلگىرى سۈرەيلى

___ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 7-ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (2)

2017.01.09 14:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ۋەزىپە يەنىلا ئېغىر، يول يىراق. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 7-ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا، ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك كۈچ ۋە سىياسىي كۈچنى ساقلاپ، يېڭى تونۇش بىلەن يېڭى ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، دائىم ۋە ئۇزۇنغىچە بولۇش، قاتتىق ۋە ئەمەلىي بولۇش، چوڭقۇر ۋە تەپسىلىي بولۇشتا داۋاملىق كۈچەپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ سىستېمىلىقى، ئىجادچانلىقى، ئۈنۈملۈكلۈكىنى داۋاملىق كۈچەيتىش كېرەك.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇش، ئىستىل قۇرۇلۇشى ھالقىسىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشتىن باشلاپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا چەكلەنگەن رايون بولماسلىق، ئومۇميۈزلۈك قاپلاش، تاقەت قىلىپ تۇرماسلىق، «يولۋاس»قىمۇ «چىۋىن»گىمۇ تەڭ زەربە بېرىش، «تۈلكە ئوۋلاش»قىچە، ئۇنىڭدىن كېيىنكى پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، كۆزىتىشنىڭ ئۆتكۈر خەنجەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىنى چىڭىتىپ، ھەقىقىي باشقۇرۇپ، ھەقىقىي قاتتىق بولۇپ، باشقۇرۇشقا، قاتتىق بولۇشقا جۈرئەت قىلىپ، ئۇزاققىچە باشقۇرۇپ، ئۇزاققىچە قاتتىق بولۇشقىچە ۋە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشقا كىرگۈزۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى كۈچەيتىپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي ئېكولوگىيەنى ساپلاشتۇرۇشقىچە، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا قەدەممۇ-قەدەم پۇختا ئىلگىرىلەش ۋەزىيىتى ساقلاندى. پۈتۈن پارتىيىدىكىلەرنىڭ ئورتاق تىرىشىشى بىلەن، پارتىيەدىكى ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سۇبيېكتىپ مەسئۇلىيىتى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھى قەتئىي ئەمەلىيلىشىپ، پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلىپ، چىرىكلىكنىڭ يامراش ۋەزىيىتى ئۈنۈملۈك توسۇلۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەش ۋەزىيىتى شەكىللىنىپ، چىرىكلىشىشكە جۈرئەت قىلماسلىق نىشانى دەسلەپكى قەدەمدە ئەمەلگە ئېشىپ، چىرىكلىشەلمەيدىغان تۈزۈم بارغانسېرى مۇكەممەللىشىپ، چىرىكلىشىشنى خالىماسلىق توسۇقى بەرپا قىلىنىپ پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشتا يېڭى كەيپىيات بارلىققا كەلدى.

  پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. بۇ يىل ئېچىلىدىغان پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىش ۋە ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىشنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىنىدۇ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنى قەدەممۇ-قەدەم چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ماھىيەتتىنمۇ، ھادىسىدىنمۇ تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ سادىق، پاك بولۇش مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ، ياخشى روھىي ھالەت ۋە ئەلا خىزمەت نەتىجىلىرى بىلەن پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر