باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتىگە بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتەيلى

2017.01.06 14:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتى ــ بىر تۈرلۈك مۇھىم ھەم كەسكىن سىياسىي ۋەزىپە بولۇپ، سىياسىيۋىلىقى، سىياسەتچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك. بۇ خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشتە ۋەزىپە ئېغىر، مەسئۇلىيەت چوڭ، تەلەپ يۇقىرى. ھەر قايسى سايلام ئورۇنلىرىدىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەستايىدىل يولغا قويۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  تەشكىلىي سەپەرۋەرلىكنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك. مەخسۇس تېمىدا پارتىيە دەرسى ئۆتۈش، تاراتقۇلار تەشۋىق قىلىش، ۋەكىللەرنى سايلاش خىزمىتى قوللانمىسىنى تۈزۈپ بېسىش قاتارلىق تۈرلۈك شەكىللەرنى قوللىنىپ، پارتىيە ئەزالىرىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 19- قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتى توغرىسىدىكى يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇش بويىچە تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، ۋەكىللەرنى سايلاش خىزمىتىنىڭ سىياسىي قائىدىسى ۋە تەرتىپ، قەدەم- باسقۇچلىرىنى چۈشىنىپ ۋە ئىگىلەپ، ۋەكىل نامزاتىنى كۆرسىتىشكە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئاكتىپ قاتنىشىش كېرەك.

  پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۆتكەلنى ئىگىلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى بايرىقى روشەن ھالدا دادىللىق بىلەن مەسئۇل بولۇپ، ۋەكىللەرنى سايلاشنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا بۇ تەلەپنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. نامزات ئۆتكىلىنى ئىگىلەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ۋەكىللەر شەرتىدە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئۆتكەلنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، پاكلىق ئۆتكىلىنى ئىگىلەشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، نامزاتلارنىڭ ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، كوللېكتىپ مۇزاكىرە قىلىپ، قاتتىق تەكشۈرۈپ بېكىتىپ، ياخشىلىرى ئىچىدىن ئەلالىرىنى تاللاش كېرەك. تەرتىپ ئۆتكىلىنى ئىگىلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، تەرتىپنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، مەشغۇلاتنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ھەر قايسى ھالقا، قەدەم- باسقۇچلارنى ئۆزگەرتمەسلىك، شەكىلۋازلىق قىلماسلىق، ئاددىيلاشتۇرماسلىق كېرەك.

  سىياسىي ئىنتىزام، تەشكىلىي ئىنتىزام ۋە سايلام ئىنتىزامىنى چىڭىتىش كېرەك. باشتىن- ئاخىر ئىنتىزام ۋە قائىدىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئىنتىزام، قائىدىنى چىڭىتىپ، تەكشۈرۈشكە قاتتىق ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشتە كەسكىن بولۇش كېرەك. تەربىيەلەشنى، ئاگاھلاندۇرۇشنى، ئالدىنى ئېلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنى لياۋنىڭ ئۆلكىسى ۋە خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ خېڭياڭ شەھىرى، سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ نەنچۇڭ شەھىرى قاتارلىق جايلاردا يۈز بەرگەن ئاۋاز توپلاپ، پارا بېرىپ سايلىنىش دېلوسى، سايلامغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش دېلوسىدىن چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، ئىنتىزام ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزام تەلىپىگە قاتتىق ئەمەل قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك.

  ئىدىيەۋى، سىياسىي خىزمەتنى كۈچەيتىش كېرەك. بۇ قېتىمقى ۋەكىللەر سايلىمىدا، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار ۋەكىللىرى نىسبىتىنى مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىپ، ئارتۇق نامزاتلىق تەكشۈرۈش، ئارتۇق نامزاتلىق سايلام يولغا قويۇلغانلىقتىن، نامزاتلىققا كۆرسىتىلمىگەن پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار نىسبەتەن كۆپەيدى، بەزى يولداشلار نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ سايلانمىدى. يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ئەھۋال ۋە مەسىلىگە قارىتا، ئىدىيەۋى، سىياسىي خىزمەتنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، ئەمەلىي ئىشلەپ، پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنى مەركەزنىڭ روھىنى توغرا تونۇش بويىچە تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، «تۆت ئاڭ»نى، بولۇپمۇ يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، پارتىيە ئىشلىرى ۋە خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى مۇھىم دەپ بىلىپ، دېموكراتىك ھوقۇقنى توغرا يۈرگۈزۈش كېرەك. نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن، ئەمما سايلانمىغان يولداشلارغا قارىتىلغان ئىدىيەۋى، سىياسىي خىزمەتنى قاراتمىلىق ھالدا ياخشى ئىشلەپ، ئۇلارنى سايلام نەتىجىسىگە توغرا قاراشقا يېتەكلەپ، ئىدىيەۋى يۈكنى چۆرۈپ تاشلاپ، خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەشكە يېتەكلەش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ۋەكىللەرنى سايلاش خىزمىتى تەشۋىقاتىنى پائال، مۇۋاپىق قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ئىلغارلىقى ۋە كەڭ دائىرىلىك ۋەكىللىك خاراكتېرىنى تەشۋىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە خىزمەتنىڭ 1- سېپىدىكى ۋەكىللەرنىڭ ئىلغار، نەمۇنىلىك ئىش ئىزلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، ۋەكىللەرنى سايلاش داۋامىدا پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇش، ئاممىۋى لۇشيەن يولىدا مېڭىشتىكى يېڭى ئۇسۇل، يېڭى تەدبىرلەرنى تەشۋىق قىلىپ، ۋەكىللەرنى سايلاش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشى، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشىغا ياخشى جامائەت پىكرى مۇھىتى بەرپا قىلىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر