باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

بىرىنچى قول رەھبەرلەرنىڭ چىرىكلىشىش دېلولىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئوتتۇرىغا چىقىشى كىشىلەرنى چۆچۈتتى ھەمدە چوڭقۇر ئويغا سالدى

2017.01.05 14:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چېرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ تەدرىجىي چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، بىرىنچى قول رەھبەرلەرنىڭ چىرىكلىشىش دېلولىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئوتتۇرىغا چىقىشى كىشىلەرنى چۆچۈتتى ھەمدە چوڭقۇر ئويغا سالدى. بۇ ئەھۋاللار ئايرىم رەھبىرى كادىرلارنىڭ ئىدىيە، ئېتىقاد جەھەتتىكى تەۋرىنىشىنى ئاشكارىلاپلا قالماستىن بەلكى پارتىيەلىك رەھبىرى كادىرلار بولۇپمۇ بىرىنچى قول رەھبەرلەرنى نازارەت قىلىش كۈچىنىڭ يېتەرسىز بولۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

  ئايرىم جايلارنىڭ بىرىنچى قول رەھبەرلىرى خەلق بەرگەن ھوقۇقنى قانۇنسىز پايدا ئالىدىغان خۇسۇسىي ھوقۇققا ئايلاندۇرۋالغان، پۇقرالارغا مۇلازىمەت قىلىدىغان پارتكوم رەھبەرلىك كوللېكتىپى بىرلا كىشىنىڭ گېپى بولىدىغان «يەرلىك پادىشاھ»قا ئايلانغان. قانۇن بويىچە نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان خەلق قۇرۇلتىيى «ئۆتمەس تامغىغا» ئايلانغان، ئۇزاقتىن بۇيان ئۆزىنى تەشكىلدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇپ كەلگەن. مۇتلەق ھوقۇق مۇتلەق چىرىكلىكنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. يولداش شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك، بىرىنچى قول رەھبەرلەرنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىپ، مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش ھەرىكىتىنى ئاشكارىلاشتۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رەھبىرى كادىرلارنىڭ ھوقۇقى چوڭ بولسىمۇ، ئىستىبداتلىق ھوقۇق يۈرگۈزمەسلىكىگە، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز مەنپەئەتىگە چوغ تارتماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  بىرىنچى قول رەھبەرنىڭ ھوقۇقنى ئىگىلەپ، ئىستىبداتلىق قىلىشىدىن، ئۆز مەنپەئەتىگە چوغ تارتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، ئالدى بىلەن دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى پىرىنسىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. يەنە بىر تەرەپتىن تۈرلۈك نازارەت قىلىشنى ھەر قايسى قاتلامدىن لايىھەلەپ، ئۈنۈملۈك ھەرىكەتلەندۈرۈش كېرەك. تېگى تەكتىدىن ئېيتقاندا، پارتىيەلىك رەھبىرى كادىرلارنىڭ ھوقۇقىنى خەلق بەرگەن، ئۇلار خەلققە مەسئۇل بولۇشى، خەلقنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى كېرەك. نازارەتنى قوبۇل قىلمايدىغان، قوبۇل قىلىشنى خالىمايدىغان ياكى خەلقنىڭ چەكلىشىدىن خاپا بولىدىغان رەھبىرى كادىرلارنىڭ ھەممىسى لاياقەتسىز رەھبىرى كادىرلار.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر