باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىچكى نازارەتچىلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك

2017.01.05 14:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2016-يىلى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ،پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارىشى تۇرۇش كۆرۈشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە نىزامى، تۈزۈمىنى تۈزۈپ ۋە ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، تەكشۈرۈش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، دۆلەت مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ھادىسىدىن تۈزەشتىن، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشكە قاراپ بۇرۇلۇش ياسىدى.

  2016-يىلى 10-ئايدا، پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 6-ئومۇمىي يىغىنىدا "جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ئىچكى نازارەتچىلىك نىزامى" قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، بۇنىڭدا ئاچقۇچلۇق ئاز سانغا دىققەت قىلىندى، پۈتۈن پارتىيەنى مەركەزنىڭ بىردەك رەھبەرلىكىدە نازارەت قىلىش تۈزۈمى بەرپا قىلىندى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى قائىدە نىزام ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ما سېنشۇ مۇنداق دېدى: پارتكوملارنىڭ نازارەت قىلىش داۋامىدا نازارەت قىلىشقا ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنىڭ بارلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى- مەخسۇس نازارەت قىلىدۇ، پارتىيەنىڭ خىزمەت تارماقلىرى فۇنكسىيەلىك نازارەت قىلىدۇ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى دائىم نازارەت قىلىدۇ، پارتىيە ئەزالىرى دېموكراتىك نازارەت قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ، مۇشۇنداق نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى ئورناتقاندىلا، ئاندىن پارتىيە نازارىتىنى ئومۇميۈزلۈك قاپلىغىلى بولىدۇ.

  2016-يىلى مەركەزنىڭ تەكشۈرۈش خىزمىتى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلغان ئاچقۇچلۇق بىر يىل، تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ رىتىمى تېخىمۇ تېز، كۈچى تېخىمۇ زور بولدى، ئۈچ نۆۋەتلىك تەكشۈرۈش 91 ئىدارىدىكى پارتىيە تەشكىلاتىنى قاپلىدى، بۇ مەركەزنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ۋەزىپىسى ئومۇمىي سانىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ.

  2016-يىلى مەركەز تەكشۈرۈش خىزمىتىدە ئالدى بىلەن كەينىگە قارىدى، بۇ تەكشۈرۈش تۈزۈمىدىكى زور يېڭىلىق يارىتىش، ئۈچ نۆۋەتلىك تەكشۈرۈشتە بېيجىڭ، تيەنجىن، چۇڭچىڭ، لياۋنىڭ قاتارلىق 12 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردە ئۇشتۇمتۇت قايتۇرغان زەربە بېرىلدى. خۇاڭ شىڭگو، ۋاڭ مىن، ياڭ لۇيۈ، ياڭ جېنچاۋ قاتارلىق بىر تۈركۈم رەھبىرى كادىرلار ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى، لياۋنىڭدىكى پارا بېرىپ ئاۋاز توپلاش قىلىش دېلوسى پاش قىلىندى.

  2016-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرىدا 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 25-سانلىق يىغىنىدا بېيجىڭ شەھىرى، سەنشى ئۆلكىسى، جېجياڭ ئۆلكىسىدە دۆلەت مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈمى ئىسلاھاتى سىناق خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى. مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا بارلىق ھوقۇقلۇق ئورگانلار ۋە ئۇلارنىڭ خادىملىرى مەمۇرىي تەپتىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، پارتىيە ئەزالىرى بىلەن پارتىيەسىز كىشىلەرگە پەرقسىز مۇئامىلە قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى مياۋچىڭۋاڭ مۇنداق دېدى: 2017-يىلى 3-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئۆلكە دەرىجىلىك مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتى قۇرۇش خىزمىتىنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتى قۇرۇش خىزمىتى تاماملىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئورگىنى بىلەن بىرگە مەمۇرىي تەپتىش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ دۆلەت مەمۇرىي تەپتىش قانۇنىغا ئايلاندۇرۇش، ئىسلاھات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قانۇنىي شەكىل بىلەن مۇستەھكەملەش ئىشلىرىنى تەتقىق قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر