باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

سىياسىي ئېكولوگىيەنى ساپلاشتۇرۇپ، «چىرىكلىشىشكە جۈرئەت قىلالماسلىق» كەيپىياتىنى مۇستەھكەملەش كېرەك

2016-يىللىق پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان

2017.01.04 16:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور پونكىتى 2016-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى ئەتىگەن سائەت سەككىزدە، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي بۆلۈمنىڭ مۇدىرى لۇ ئېنگۇاڭنىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى بولۇپمۇ 2016-يىلدىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىپ، مەركىزىي ۋەزىپىنى چۆرىدەپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشتىكى «تۆت خىل ھالەت»تىن ياخشى پايدىلىنىپ، سالماقنى كېمەيتمەي، ئۆلچەمنى بوشاشتۇرماي، رىتىمنى ئۆزگەرتمەي ئىزچىل يۇقىرى بېسىملىق ۋەزىيەتنى ساقلاپ، سىياسىي ئېكولوگىيەنى ئۈزلۈكسىز ساپلاشتۇرۇپ، «چىرىكلىشىشكە جۈرئەت قىلالماسلىق» كەيپىياتىنى مۇستەھكەملىدى.

  «قىزارتىش، تەرلىتىش» نورمال ھالەتكە ئايلىنىپ، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، تەكشۈرۈش سالمىقى ئۈزلۈكسىز زورايدى

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور پونكىتى 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى «شەرق شامىلى» ئاپتوموبىل شىركىتى پارتكومىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىرىيەت ئەزاسى، باش دىرېكتورى جۇ فۇشۇنىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلىپ، مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاپ، «شەرق شامىلى» ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ تارماقلارنىڭ مۇئاۋىن ۋەزىپىسىدىن تۆۋەن(مۇئاۋىن ۋەزىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) رەھبەرلىك ئورۇندىن باشقا ئورۇنغا خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دېلو قاراپ چىقىش ئىشخانىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: جۇ فۇشۇنىڭ تەشكىل دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگەندىن كېيىن تۆۋە قىلىش، ئىنتىزامغا خىلاپ تاپاۋىتىنى يۇقىرىغا تاپشۇرۇش، تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىگە پائال ماسلىشىش، ئىنتىزامغا خىلاپ مەسىلىلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاپشۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىپ، يېنىك بىر تەرەپ قىلغانلىق، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، تەكشۈرۈش جەريانىدا «تۆت خىل ھالەت»نى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، «ئۆتمۈشتىكىدىن ساۋاق ئېلىپ كېيىنكىگە ئىبرەت قىلىش، كېسەلنى داۋالاپ ئادەمنى قۇتقۇزۇش» فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى ئىلمىي پوزىتسىيەنى نامايان قىلدى.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى بولۇپمۇ 2016-يىلدىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى كۈندىلىك نازارەت قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، بالدۇر تۇتۇپ، كىچىكىدىن تۇتۇپ، بىخ ھالىتىدە يوقۇتۇپ، «بىرىنچى خىل ھالەت»نى ئىشلىتىشتە كۈچ چىقىرىپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئىدىيە، خىزمەت، تۇرمۇش ئىستىلى جەھەتلەردە ئىنكاس قىلىنغان ئادەتتىكى مەسىلىلىرى ۋە پاك-تەلەپچان بولۇش ياكى ناتوغرا ئىستىللارنى تۈزەش جەھەتتىكى يېنىك مەسىلىلىرىگە قارىتا قاراتمىلىق «قۇلاق چىشلەپ، يەڭ تارتىپ»، پارتىيەلىك كادىرلارغا مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا، ئەينەن، ئېنىق سۆزلىتىپ، ئۇلارنىڭ خاتا يولدا بارغانسېرى ئۇزاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى. 2016-يىلى 1-ئايدىن 11-ئايغىچە، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان ئوتتۇرا دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ مەسىلىسى ئىنكاس قىلىنغان يىپ ئۇچىلار ئىچىدە، سۆھبەت، خەت-ئالاقە ئارقىلىق 1305نى سۈرۈشتۈرۈپ، 2015-يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %96.5 ئاشتى؛ مەملىكەت بويىچە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى سۆھبەت، خەت-ئالاقە ئارقىلىق 111 مىڭنى سۈرۈشتۈرۈپ، 2015-يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %205.8 ئاشتى؛ مەملىكەت بويىچە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى مەسىلە يىپ ئۇچىدىن 615 مىڭنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، 2015-يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %41.8 ئاشتى، مەسىلە يىپ ئۇچىنىڭ ساقلىنىش مىقدارى سىجىل تۆۋەنلەپ، ئېشىش مىقدارى تەدرىجىي ئازايدى. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرىغا مەسىلىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاپشۇرىدىغانلار ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، 2016-يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا 29 مىڭ كىشى مەسىلىسىنى تاپشۇردى، بۇ 2015-يىلدىكىنىڭ بەش ھەسسىسىگە توغرا كەلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر