باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

تارىخنىڭ تاللىشى، خەلقنىڭ ئارزۇسى

__ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش مۇلاھىزىسى

2017.01.03 16:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ۋاقىت ___ ئۇلۇغ يازغۇچى.

  67 يىل ئىلگىرى، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇش ھارپىسىدا، يولداش ماۋ زېدۇڭ بارلىق مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرىنى رىغبەتلەندۈرۈپ مۇنداق دېدى ____

  مەملىكەت بويىچە غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەنلىك، پەقەت 10 مىڭ كىلومېتىرلىق ئۇزۇن سەپەرنىڭ تۇنجى قەدىمىنى باسقانلىق. بۇمۇ مەغرۇرلىنىشقا تېگىشلىك ئىش بولسا، بۇ پەقەت ئەڭ كىچىكى ھېسابلىنىدۇ، تېخىمۇ مەغرۇرلىنىشقا ئەرزىيدىغىنى تېخى ئالدىمىزدا.

  67 يىلدىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن دۇنيا خەلقىگە مۇنۇلارنى جاكارلىدى ___

  بۈگۈن بىز تارىختىكى ھەر قانداق دەۋردىكىگە قارىغاندا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش نىشانىغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇق، بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تارىختىكى ھەرقانداق دەۋردىكىدىن بەكرەك ئىشەنچىمىز، ئىقتىدارىمىز بار.

  ئۆتمۈش بىلەن كەلگۈسىنىڭ كېسىشىش نۇقتىسىدا تۇرغان جۇڭگو ھەم مىسلىسىز پۇرسەتكە، ھەم دۆلەت ئىچىدىكى ۋەزىپىسى مىسلىسىز ئېغىر خىرىسقا، يەر شارىنىڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىپ داۋالغۇش ئەندىزىسىگە دۇچ كېلىپ، يېڭى بىر تارىخىي ھالقىلىق مەزگىلگە كىرمەكتە.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى 1 مىليارد 300 مىليون خەلقنى يېتەكلەپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە جاپالىق كۈرەش قىلىپ، جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش پاراسىتى، جۈرئىتىدە چىڭ تۇرۇپ، مىليونلىغان خەلقنىڭ ئارزۇ-ئۈمىدىنى يەردە قويماي، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش يېڭى ئۇزۇن سەپىرىدە يېڭى ئۇلۇغ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى......

  «مىڭلىغان ھەيۋەتلىك تاغلار ئىچىدە چوقۇم بىر ئاساسىي چوققا بار» -- ھالقىلىق پەيتتە ھەل قىلغۇچ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش كېرەك، يېڭى ئۇلۇغ كۈرەش ئەمەلىيىتىدە باش شۇجى شى جىنپىڭنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى قىلىپ بېكىتىپ، پارتىيە، خەلق بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەمنى يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشتىن ئىبارەت.

  تارىخ دائىم بىر قېتىملىق تاللاشقا توغرا كېلىدۇ؛ بۇ تاللاش يەنە بىر يېڭى تارىخىي سەھىپىنى ئاچىدۇ.

  2016-يىلى كۈز بېيجىڭدا، بولقا بىلەن ئورغاقتىن تەركىب تاپقان پارتىيە بەلگىسى ئالدىدا، مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرى قول كۆتۈرۈپ ئاۋاز بېرىش ئۇسۇلى بىلەن ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ دوكلاتىنى بىردەك ماقۇللىدى، پۈتۈن دۇنيا نەزىرىنى تىككەن بۇ دوكلاتتا «يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى» ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر