باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئالىي مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىمىزدا مېڭىشتا چىڭ تۇرايلى

-باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىدىيەۋى-سىياسىي خىزمەت يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلغانلىقى توغرىسىدا

2016.12.09 16:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مائارىپقا ئەھمىيەت بەرگەنلىك دەل كەلگۈسىگە ئەھمىيەت بەرگەنلىك، مائارىپقا ئەھمىيەت بەرگەندىلا ئىستىقبالىمىز پارلاق بولىدۇ

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ ئىدىيەۋى-سىياسىي خىزمەت يىغىنىدا سۆزلىگەن مۇھىم سۆزىدە، ئومۇمىيەت ۋە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئالىي مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىغا ئالاقىدار بىر قاتار مۇھىم مەسىلىلەرگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىلىپ، ئالىي مەكتەپ ئىدىيەۋى-سىياسىي خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، نىشانىنى بېكىتىش، ئاساسىي ۋەزىپىسى ۋە ئاساسىي تەلىپى چوڭقۇر شەرھلەنگەن، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىدىيەۋى-سىياسىي خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشتىكى پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇنىۋېرسىتېتىنى ياخشى باشقۇرۇش، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.

  مائارىپ كۈچەيسە دۆلەت كۈچىيىدۇ. ھازىر نوپۇسى كۆپ چوڭ دۆلەتتىن ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزىدىغان دۆلەتكە ئاتلىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مائارىپنىڭ ئورنى ۋە رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئالىي مائارىپقا بولغان ئېھتىياجىمىز ئىلگىرىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ جىددىي، پەن-تېخنىكا بىلىملىرى ۋە ئالاھىدە ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياجىمىز ھەر قانداق ۋاقىتتىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇۋاتىدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئوتتۇرىغا قويغان دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئالىي مەكتەپ ۋە پەنلەرنى تېزدىن بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر ئېلىمىزنىڭ ئالىي مائارىپ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، دۆلەتنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇ قېتىمقى مۇھىم يىغىننى ئېچىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك ئالىي مەكتەپ ئىدىيەۋى-سىياسىي خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى قارار قىلىشى، توغرا سىياسىي يۆنىلىش، خەلق ئۈچۈن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە خىزمەت قىلىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا خىزمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئالىي مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىمىزدا ياخشى مېڭىشىمىز ئۈچۈندۇر.(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر