باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرەيلى

2016.12.07 16:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6- ئومۇمىي يىغىنىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيىنى 2017- يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا بېيجىڭدا ئېچىش قارار قىلىندى. مەركىزىي كومىتېت يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەش ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى.

  پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدا ئېچىلىدىغان ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى چوڭ ئىش. بارلىق پارتىيە ئەزالىرى نامزاتلىققا كۆرسىتىش، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى دەرىجىمۇدەرىجە سايلاش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن 2300 نەپەر پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋەكىلى پۈتۈن پارتىيەدىكى 88 مىليوندىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى، 4 مىليون 400 مىڭدىن ئارتۇق پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئېلىپ، پۈتۈن پارتىيەدىكىلەرنىڭ ئىرادىسىنى مۇجەسسەملەپ، خەلقنىڭ ئارزۇسىنى يەردە قويماي، مۇقەددەس بۇرچىنى ئادا قىلىدۇ.

  قۇرۇلتاي مەزگىلىدە ۋەكىللەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلايدۇ ۋە قاراپ چىقىدۇ، پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاممىنىڭ پىكىر-تەلەپلىرىنى ئىنكاس قىلىدۇ، پارتىيەنىڭ زور مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ ۋە قارار قىلىدۇ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنى سايلاپ چىقىدۇ. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى ياخشى سايلاش بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينى ياخشى ئېچىشنىڭ مۇھىم ئاساسى. سىياسىي ساپاسى ياخشى، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، تەشكىلىي قۇرۇلمىسى ئەلا ۋەكىللەرنى سايلاپ چىقىش-چىقالماسلىق قۇرۇلتاينىڭ تۈرلۈك ۋەزىپىلىرىنىڭ ئورۇندىلىشىغا، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنىڭ جارى قىلدۇرۇلۇشىغا، پارتىيە ئىشلىرىنىڭ گۈللەپ روناق تېپىشىغا ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك. ۋەكىللەرنى سايلاشنىڭ ھەر قايسى ھالقىلىرىدىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە ئەزالىرىنى پائال قاتنىشىشقا كەڭ سەپەرۋەر قىلىپ، تەكشۈرۈش ئۆتكىلىنى قاتتىق ئىگىلەپ، سايلام ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، ۋەكىللەرنىڭ ئىلغار ئىش پائالىيەتلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ۋەكىللەرنىڭ سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىش جەريانىنى غايە، ئېتىقاد تەربىيەسى ۋە پارتىيەۋىلىك، پارتىيە ئىستىلى، پارتىيە ئىنتىزامى تەربىيەسى جەريانىغا، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى ۋە دېموكراتىيە-مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى تەربىيەسى جەريانىغا، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىغا ئايلاندۇرۇش پۈتۈن پارتىيەدىكىلەرنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچىنى يەنىمۇ مۇجەسسەملەپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، يېڭى ئۇزۇن سەپەرنى ياخشى مېڭىشقا قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچ توپلايدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت ئېڭى ۋە ئېھتىياتچان، ئىنچىكە بولۇشتەك خىزمەت ئىستىلى بىلەن، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ۋەكىللەرنى سايلاشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشى ئۈچۈن مۇھىم تەشكىلىي تەييارلىقلارنى ياخشى قىلىشى كېرەك.(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر