باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

خەلق گېزىتىنىڭ ماقالىسى: «توغرا كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قەھرىمانە ئالغا ئىلگىرىلەيلى»

2016.12.05 15:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق گېزىتىنىڭ تۈنۈگۈنكى سانىدا مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنىڭ تۆت يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن «توغرا كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قەھرىمانە ئالغا ئىلگىرىلەيلى» ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىندى.

  ماقالىدا مۇنداق دېيىلىدۇ: سەككىز بەلگىلىمە جۇڭگونى ئۆزگەرتكەن سىياسىي سۆزلۈك، بۇ سۆزگە جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ياخشىغا مەدەت بېرىدىغان، يامانغا لەنەت ئوقۇيدىغان ئىستىلى مۇجەسسەملەنگەن. تۆت يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، سەككىز بەلگىلىمىنى قاتتىق ئىجرا قىلدى. ھەر قايسى رايونلار، تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا توغرىلىنىپ، مىخلىق روھى بىلەن، مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى بوشاشماي قاتتىق ئىجرا قىلدى. ئومۇمنىڭ پۇلىغا يەپ ئېچىش قاتتىق توسۇلدى، تۈگىمەس ھۆججەت، ئۈزۈلمەس يىغىنلار تەرتىپكە سېلىندى، ئومۇمنىڭ پۇلىغا سوۋغا بېرىش تىزگىلەندى، ئىدىيەۋىي يېتەكچىلىك ۋە تۈزۈم قۇرۇلۇشىغا تەڭ ئەھمىيەت بېرىلدى، ئاساس پۇختىلاندى، ئىستىل قۇرۇلۇشى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلدى.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئۈلگە بولۇپ كۈچلۈك تۈرتكە بولۇشى ئارقىسىدا، ھەر قايسى رايونلار، تارماقلار ئىستىلنى ياخشىلاشقا مۇناسىۋەتلىك تۈزۈم ۋە تەدبىرلەرنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرگەن ھالدا دەرىجىمۇ دەرىجە تۈزدى. نەتىجە-ئۈنۈمنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، نەتىجىنى قىلغان ئىشىغا قاراپ، ئادەملەرنى نەتىجىسىگە قاراپ باھالىدى؛ پارتىيە-ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش بەلگىلىمىسىنى يولغا قويۇپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈردى، مۇشۇنداق بىر يۈرۈش تۈزۈم خاراكتېرلىك ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق، مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىنىپلا قالماستىن، بەلكى تۈزۈم ئارقىلىق پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، ھوقۇقنى باشقۇرۇش يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر