باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرەيلى

2016.10.28 15:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالتۇن كۈزدە ھەممىلا جاي مول ھوسۇل شادلىقىغا چۆمدى. ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6- ئومۇمىي يىغىنى غەلىبىلىك يېپىلدى. بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىغا 95 يىل بولغان، قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەر غەلىبىسىگە 80 يىل بولغان تارىخىي نۇقتىدا، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرىدىغان ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ناھايىتى مۇھىم يىغىن. ئومۇمىي يىغىندا ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ خىزمەتلىرى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرگە يۈكسەك باھا بېرىلدى. ئومۇمىي يىغىندا، پارتىيە قۇرۇلۇشى دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىلەر ئومۇميۈزلۈك تەھلىل قىلىنىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش توغرىسىدىكى نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتلەر سىستېمىلىق خۇلاسىلىنىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش خىزمىتى توغرىسىدا يېڭى مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىنغان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈشتىكى قەتئىي ئىرادىسى ۋە تارىخىي مەسئۇلىيىتى، ھەم پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئورتاق ساداسى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ، پارتىيەنىڭ باشتىن-ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ قۇدرەتلىك رەھبەرلىك كۈچى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماسلاشتۇرۇپ ئىلگىرى سۈرۈش، نۇرغۇن تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشنى تېخىمۇ ياخشى ئېلىپ بېرىش، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا زور ئەھمىيەتكە ھەم چوڭقۇر تەسىرگە ئىگە.(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر