باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتا كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشى كېرەك

2016.10.27 15:21         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ۋىلايەت، ناھىيە ياخشى باشقۇرۇلسا، جەمئىيەت تىنچ بولىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىك ئورۇنلار پارتىيەنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسى ۋە دۆلەتنىڭ ھاكىمىيەت قۇرۇلمىسىدا يۇقىرى بىلەن تۆۋەننى بىر - بىرىگە باغلايدىغان ئاچقۇچلۇق ھالقا، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداش، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم ئاساسى.

  ھازىر ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرى - تۆۋەن يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشاننى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىتتىپاق، ئىناق، گۈللەنگەن، باي، مەدەنىي ئالغا باسقان، پۇقرالار خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭنى تىرىشىپ قۇرماقتا. تارىخىي پەيت قانچە جىددىي بولغانسېرى ناھىيە، شەھەر، رايونلۇق پارتكوم ئومۇمىيەتنى تولۇق ئىگىلەپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشتەك رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى شۇنچە تولۇق جارى قىلدۇرۇشى، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ھەر ۋاقىت پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى بىلەن بىردەك بولۇشى، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن بىردەك بولۇشى، ئىدىيە، سىياسىي، ھەرىكەت جەھەتتە يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشى كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندىلا ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىدىغان ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرگىلى، جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى يېزىش جەريانىدا مۇستەھكەم تۈۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ.

  ۋىلايەت، ناھىيە ياخشى باشقۇرۇلسا، شىنجاڭ ئەمىن بولىدۇ. شىنجاڭ خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە، شىنجاڭ ۋەزىيىتى مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك. يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەپ، پىلانلاپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتى، دۆلەت ئىچى، خەلقئارا ۋەزىيەتنى بىر تۇتاش پىلانلاشنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى قىلىپ بېكىتتى. 9 - ئاينىڭ 17 - كۈنى ئاپتونوم رايون باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى توغرىسىدىكى قايتا سەپەرۋەرلىك يىغىنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونغا كۈچلۈك سىگنال چىقاردى: ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشان شىنجاڭ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشتىكى بايراق ۋە يۆنىلىش قىلىنىپ، شىنجاڭدىكى بارلىق خىزمەتلەر ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى زىچ چۆرىدەپ پىلانلىنىپ ئىلگىرى سۈرۈلۈشى كېرەك. باش نىشاننى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە پايدىلىق ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زىيانلىق ئىشلارنى ئازايتىشتىكى ئايرىش بەلبېغى ناھىيە، شەھەر، رايونلاردا، ھەل قىلغۇچ جەڭدە غەلىبە قىلىشتىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانىمۇ ناھىيە، شەھەر، رايونلاردا. ئاپتونوم رايوندىكى ناھىيە، شەھەر، رايونلۇق يېڭى بىر نۆۋەتلىك پارتكوملار ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى سىياسەت - تەدبىرلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خەلق ئۇرۇشىنى ياخشى قىلسىلا، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ، ھەرقانداق قىيىنچىلىقنى يېڭەلەيدۇ.

  ۋىلايەت، ناھىيە ياخشى باشقۇرۇلسا، پۇقرالارنى بېيىتقىلى بولىدۇ. 2020 - يىلىغا بارغاندا نامرات ئاھالىلەر يېمەك - ئىچمەك ۋە كىيىم - كېچەكتىن غەم قىلمايدىغان بولۇش، ئۇلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى، ئاساسىي داۋالىنىشى ۋە تۇرالغۇ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مۇقىم ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ؛ نامرات رايونلاردىكى دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ ئېشىش نىسبىتى ئاپتونوم رايون، مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش سەۋىيەسىدىن ئاشۇرۇلۇپ، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ ئاساسلىق ساھەلەردىكى كۆرسەتكۈچى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە يېقىنلاشتۇرۇلىدۇ؛ ھازىرقى ئۆلچەمدىكى 2 مىليون 610 مىڭ نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش كاپالەتكە ئىگە قىلىنىپ، 35 نۇقتىلىق نامرات ناھىيەنىڭ نامراتلىق قالپىقى چۆرۈپ تاشلىنىدۇ، 3029 نامرات كەنتنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئومۇمىي نامراتلىق مەسىلىسى ھەل قىلىنىدۇ. بۇ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسى، شۇنداقلا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ناھىيە، شەھەر، رايونلۇق پارتكوملارنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھەر مىللەت خەلقىگە بەرگەن ۋەدىسى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىگە، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى مۇستەھكەملەشكە مۇناسىۋەتلىك. ئۈزۈل - كېسىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە يېڭى بىر نۆۋەتلىك ناھىيە، شەھەر، رايونلۇق پارتكوم بەنزىلىرىنىڭ زىممىسىدىكى تارىخىي يۈك ئېغىر، بۇنىڭغا ئامما نەزەر سالماقتا. ئاممىنى بېيىتىپ، ئەل قەلبىنى مايىل قىلىشنى ئەڭ چوڭ سىياسەت ۋە ئەڭ چوڭ سىياسىي نەتىجە قىلىپ، ھەرگىز بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا، سەل قاراشقا بولمايدۇ.

  ۋىلايەت، ناھىيە ياخشى باشقۇرۇلسا، پارتىيە ئىستىلى ياخشىلىنىدۇ. ناھىيە، شەھەر، رايون رەھبەرلىرىنىڭ دەرىجىسى يۇقىرى بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇلار مىڭلىغان ئاممىنىڭ يول باشلىغۇچىسى، ئۇلارنىڭ ھەربىر ھەرىكىتى يەرلىكنىڭ ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك، ھەر بىر سۆز - ھەرىكىتى پارتىيەنىڭ ئوبرازىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان مەركەز پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى قىلدى. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئاچقۇچى ئەمەلدارلارنى قاتتىق باشقۇرۇش. يېڭى بىر نۆۋەتلىك ناھىيە، شەھەر، رايونلۇق پارتكوملارنىڭ بەنزىلىرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى بىر قاتار مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىيدا مۇستەھكەم بولۇپ، ئىدىيەدە بىرلىككە كېلىپ، نىشانى ئېنىق بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، خىزمەتتە ئىزچىل، ئىستىلدا ئەمەلىي بولۇپ، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، پاكلىق جەھەتتە قاتتىق بولۇپ، خەلق بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتنى ساقلاپ، سادىقلىق، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى بەنزە، ھەربىر ئادەم، كەيپىياتقىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ناھىيە، شەھەر، رايونلۇق پارتكوم بەنزە ئەزالىرى ئۆزىنىڭ ئەمەلدارلىق ئەخلاقىي پەزىلىتى، ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىگە چوقۇم سىياسىيونلارغا خاس ئۆلچەم بويىچە تەلەپ قويۇپ، تەلەپچان بولۇپ، ئەمەلىيەت جەريانىدا تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىپ، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كىچىك ھالقىلاردىن باشلاپ ئۆزىنى چەكلەشنى كۈچەيتىپ، ئۆزىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، يېڭىباشتىن ئۆزگىرىشى، ياخشى ئىشلارغا مەدەت بېرىشى، بىر نىيەت - بىر مەقسەتتە سىياسىي ئېكولوگىيەدە «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ» بەرپا قىلىشى ۋە ساقلىشى كېرەك.

  شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، 2020 - يىلىغا بارغاندا مەملىكەت بىلەن تەڭ قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، ئاپتونوم رايوندىكى نامرات نوپۇسنى ئۆز قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشىلاش تارىخ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارغا يۈكلىگەن مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچ. يېڭى بىر نۆۋەتلىك ناھىيە، شەھەر، رايونلۇق پارتكوملار ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ، قەلبلەر ۋە كۈچلەرنى مۇجەسسەملەپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىغا يېڭى، تېخىمۇ رازى بولغۇدەك جاۋاب قايتۇرۇپ، ياخشى قىياپەت بىلەن ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قۇرۇلتىيىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىپ، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر