باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈشنىڭ ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنى قۇرايلى

−−شىنجاڭدىكى ناھىيە، شەھەر، رايونلۇق پارتكوملارنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش خىزمىتى ھەققىدە ئومۇمىي بايان

2016.10.27 15:20         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ناھىيەلىك پارتكوم پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى «ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى». بۇ نۆۋەتلىك مەركەزلىك نۆۋەت ئالماشتۇرۇشتا، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، كادىرلارنى ياخشى تاللاپ بەنزىنى كۈچەيتىش، ۋەكىللەرنى كۆرسىتىش ۋە سايلام خىزمىتى، ئىستىلى دۇرۇس، كەيپىياتى توغرا بولغان نۆۋەت ئالماشتۇرۇش مۇھىتىنى بەرپا قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى تۇتۇپ، رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ناھىيە، شەھەر، رايونلۇق پارتكوملارنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلام خىزمىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، ناھىيە دەرىجىلىك پارتكومنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىياتقا رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈشتىكى كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى.

  قائىدە قاتتىق بېكىتىلىپ، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش ئۆلچىمىدە مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش نامايان قىلىندى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «نۆۋەت ئالماشتۇرۇشتا سىياسىي ئىنتىزام، سىياسىي قائىدە ئېڭىنى مەھكەم تۇرغۇزۇپ، قاتتىق كۆز - قۇلاق بولۇش، قاتتىق باشقۇرۇش كېرەك!».

  ماناس ناھىيەسى ئاپتونوم رايون بويىچە ناھىيە، شەھەر، رايونلۇق پارتكوملارنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسى بولۇپ، ماناس ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى سۇ جيەنگونىڭ بۇ قېتىمقى نۆۋەت ئالماشتۇرۇشقا بولغان تەسىراتى ئىنتايىن چوڭقۇر بولدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «ئاقما لىنىيەدە ئىشلەپچىقىرىلىدىغان نازۇك ئەسۋابقا ئوخشاش، ھەربىر ئىشنىڭ قاتتىق تەرتىپى، قاتتىق ئۆلچىمى، قاتتىق ئۆتكىلى بولىدۇ».

  ئاپتونوم رايونلۇق نۆۋەت ئالماشتۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ئىشخانىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: چوڭ جەھەتتە يىغىن سايلىمىدىن، كىچىك جەھەتتە ئادەملەرنى ساناشقىچە، ھەر بىر باسقۇچ، ھالقا، ئىشلارنىڭ تەرتىپ كاپالىتى، ئۈلگە پىرىنسىپى بار. بۇ قېتىمقى نۆۋەت ئالماشتۇرۇشتا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى مەخسۇس پارتكوملارنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش خىزمىتى قوللانمىسىنى تۈزۈپ، ئۇنى نۆۋەت ئالماشتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى «قورال كىتاب» قىلىپ، خىزمەت ئۆلچىمىنى توغرا تېپىپ، ئورۇننى توغرا بەلگىلەپ، قاتتىق قائىدە تۇرغۇزۇشقا كاپالەتلىك قىلدى.

  قائىدىگە بويسۇنمىغان ئادەم كېرەكسىز بولىدۇ، پارتىيەدە قائىدە بولمىسا مالىمانچىلىق چىقىدۇ. قائىدە بولمىسا، پارتىيە سىياسىي پارتىيە بولالمايدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيە بولالمايدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، نۆۋەت ئالماشتۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ما شۆجۈن نۆۋەت ئالماشتۇرۇش خىزمىتى يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: پارتكومنىڭ خىزمەت قائىدىسى تۈزۈلۈپ بولغاندىن كېيىن، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى يەرلىك كومىتېتلىرىنىڭ خىزمەت نىزامى» نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ناھىيە، شەھەر، رايونلۇق پارتكوملار ئۈچۈن قائىدە بەلگىلەش بۇ قېتىمقى نۆۋەت ئالماشتۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. پارتكومنىڭ ئومۇمىيەتنى تولۇق ئىگىلىشىنى كۈچەيتىش، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ رەھبەرلىك، يادرولۇق رولىنى ماسلاشتۇرۇشنى كۆزدە تۇتۇپ، ھەر قايسى ناھىيە، شەھەر، رايونلۇق پارتكوملار «يەرلىك پارتكوملارنىڭ خىزمەت نىزامى»نىڭ نىشانى، ئورنىنى توغرىلاپ، شۇ دەرىجىلىك پارتكوملارنىڭ خىزمەت قائىدىسىنى تۈزۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق نۆۋەت ئالماشتۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ئىشخانىسى تەكشۈرۈپ بېكىتكەندىن كېيىن، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پارتكوملارنىڭ بىر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىندا قاراپ چىقىپ ماقۇللىشىغا سۇنۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىشتىكى «چەمبىرەك ئەپسۇنى»نى، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇشتىكى «باش تىزىملىك»نى، ئىجرا قىلىش مۇناسىۋىتىنى راۋانلاشتۇرۇشتىكى «ئېقىم ئىسخېمىسى»نى شەكىللەندۈرۈپ، ناھىيە، شەھەر، رايونلۇق پارتكوملارنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ يۆنىلىشنى ئىگىلىشى، ئومۇمىيەتنى باشقۇرۇشى، تەدبىر بەلگىلىشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  «بۇ قېتىمقى نۆۋەت ئالماشتۇرۇشتا باشلىنىشتىلا يېڭى بەنزىگە قائىدە تۇرغۇزۇپ بېرىلدى، ھوقۇققا يۈگەن سېلىندى، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قارىتا تۈزۈم كاپالىتى كۆپەيتىلدى». ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرى، ۋەكىللەر ۋە ئامما ئۆز جايىدىكى پارتكوملارنىڭ خىزمەت قائىدىسىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ماختىدى.

  جايلار ناھىيە، شەھەر، رايونلۇق پارتكوملارنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇشى جەريانىدا ئىنتىزام ۋە قائىدە ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزغاچقا، ناھىيە، شەھەر، رايونلۇق پارتكوملارنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش خىزمىتى «نۇقسانسىز» ئىشلىنىپ، پىلان ياخشى تۈزۈلگەن، ياخشى كادىرلار سايلاپ چىقىلغان، ياخشى بەنزە سەپلەنگەن، ياخشى مۇھىت يارىتىلغان، ياخشى قىياپەت نامايان قىلىنغان نۆۋەت ئالماشتۇرۇش نىشانى ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشتى.دوكلات ئەمەلىي يېزىلىپ، پارتىيە بىلەن ئامما قويۇق ھەمكارلىشىدىغان ئىگىلىك تىكلەش قىياپىتى نامايان قىلىندى ئاپتونوم رايونلۇق نۆۋەت ئالماشتۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ناھىيە، شەھەر، رايونلۇق پارتكوملارنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇشىدا بىز مۇستەھكەم، مەركەزلىك باش نىشاننى شەكىللەندۈرۈشنى، باش نىشاننى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش دوكلاتىنى ياخشى يېزىپ چىقىشنى ئەڭ مۇھىم ئىش ئورنىدا تۇتتۇق. ناھىيە، شەھەر، رايونلۇق پارتكوملارنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى، مۇتەخەسسىس، ئالىملار، يۇقىرى دەرىجىلىك ئالاقىدار تارماقلار، ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك پارتكوملار، ئاپتونوم رايونلۇق نۆۋەت ئالماشتۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىبارەت بەش تەرەپ كوللېكتىپ تەكشۈرۈشنى يولغا قويدۇق. ئاپتونوم رايوننىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى قايتا سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاياغلاشقان كۈنى بىز يەنە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ: ناھىيە، شەھەر، رايونلاردىن يىغىننىڭ روھىغا ئاساسەن نىشاننى توغرىلاپ، پەرقنى تېپىپ چىقىپ، پارتكومنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى يەنە بىر قېتىم تۈزىتىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىنى تەلەپ قىلدۇق.

  8 - ئايدا تۇرپاننىڭ ھەممىلا يېرى مول ھوسۇل مەنزىرىسىگە چۆمگەن، ھەر مىللەت پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ قەلبى قىزغىنلىققا تولغانىدى. «باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، پۇرسەت ۋە خىرىسقا يۈزلىنىپ، تىپنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشنى تېزلىتىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىش كېرەك»، تۇرپان شەھىرى پىچان ناھىيەسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلتىيى دوكلاتى باش تېمىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ھەر مىللەت پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى دوكلاتتا تەسۋىرلەنگەن «سېھرىي كۈچكە تولغان پىچان، گۈزەل پىچان، ھاياتىي كۈچكە تولغان پىچان»نىڭ پارلاق كەلگۈسىنى قىزغىن مۇھاكىمە قىلدى.

  قاراشەھەر ناھىيەسىنىڭ ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ 3 - قېتىملىق يىغىنى مەزگىلىدە، دوكلاتنى مۇزاكىرە قىلىش كەيپىياتى ئوخشاشلا ناھايىتى قىزغىن بولدى.

  «ۋەزىيەت مۇقىم بولمىسا، تەرەققىياتتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ، دوكلاتتا شەھەر، بازارلارنى تورلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى داۋاملىق يولغا قويۇش، جەمئىيەت قاتلىمىدىن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىلىپ، ھەم يۇقىرىنىڭ تەلىپى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ھەم قاراشەھەرنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇلدى».

  «دېھقانلارنىڭ كىچىك كۆلەمدىكى تېرىقچىلىقىنىڭ ئۈنۈمى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئەزا بولۇش، پاي قوشۇشنىڭ ئۈنۈمىدەك يۇقىرى بولمايدۇ، رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، يەرنى ئوبوروت قىلىپ پاي قوشۇشقا قاتناشقان دېھقانلارغا مۇئەييەن سوممىدا مۇكاپات بېرىش تەكلىپى بېرىلدى»....

  ھەر قايسى ناھىيە، شەھەر، رايونلارنىڭ ۋەكىللىرى باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ئۆز جايىنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات ئەمەلىيىتىنى چىڭ تۇتۇپ، تەسەۋۋۇرىنى سۆزلەپ، تەكلىپ بېرىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پارتىيە ۋەكىللىرىنىڭ ياخشى روھىي قىياپىتىنى كۆرسىتىپ، بىر قەدەر كۈچلۈك سىياسىي پەرق ئېتىش ئىقتىدارى، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە مۇھاكىمە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى. ۋەكىللەرنى ياخشى تاللاش نۆۋەت ئالماشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئۇل خىزمەت. پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ قول تۇتۇشۇپ گۈزەل شىنجاڭنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈشىدىكى كۆۋرۈك ۋە تۈگۈن.

  «بىز پارتىيەنىڭ <قۇلىقى>، پۇقرالارنىڭ <ئاغزى>، ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىمىز پارتىيە بىلەن ئاممىنى زىچ باغلاش». بورتالا شەھىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ئوسمانجان ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ ئەھۋال ئىگىلىگەندە قىلغان بۇ سۆز ئاممىنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايوننىڭ ناھىيە، شەھەر، رايونلىرىدىكى پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ يۈرەك ساداسىغا ۋەكىللىك قىلدى.پارتىيە قۇرۇلتىيىنى ئاساسىي قاتلامغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ھەر قايسى ناھىيە، شەھەر، رايونلار ئاساسىي قاتلامنىڭ 1 - سېپىدىكى ۋەكىللەرنىڭ نىسبىتىنى مۇۋاپىق ئاشۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، سايلامغا قاتناشقاندا شۇغۇللىنىۋاتقان كەسپىنى ئۆلچەم قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى قاتتىق بېكىتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ۋەكىللەر قۇرۇلمىسىدا «بىردە تۆۋەنلەش، ئىككىدە ئېشىش»نى ئومۇمىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇردى: رەھبىرىي كادىرلار ئالدىنقى نۆۋەتتىكىگە قارىغاندا 1.68 پىرسەنت پوئېنت ئازلىدى؛ كەسپىي تېخنىك خادىملار ۋە ئىلغار، ئۈلگىلىك شەخسلەر %43.02 نى ئىگىلەپ، 1.57 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى؛ بۇنىڭ ئىچىدە ئىشچى - دېھقانلار 2.06 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى. بۇ، پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ئاممىۋى ئاساسىنى ئۈنۈملۈك كېڭەيتىپلا قالماستىن، يەنە دوكلاتنى ياخشى يېزىشقىمۇ ئاممىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى قوشۇلدى.

  كادىرلارنى قاتتىق تاللاش ئارقىلىق پارتىيەگە سادىق تايانچ قوشۇن بارلىققا كەلتۈرۈلدى

  ساداقەت ئەڭ ئېسىل خىسلەت. ناھىيە دەرىجىلىك بازىنى چوقۇم كۆڭلىگە پارتىيەنى پۈككەن، پارتىيەگە سادىق كىشىلەر چىڭ ساقلىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: يۆنىلىشنى توغرا تاللاشتا پارتىيەۋىلىككە، ئەخلاققا، ئەمەلىي نەتىجىگە، ئاساسىي قاتلامغا، ئومۇمنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، مۇرەككەپ مۇھىت ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە كادىرلارنى يېتىشتۈرۈشكە، سىناشقا، تاللاپ ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيەگە سادىق، ھالقىلىق پەيتتە ئۆز مەيدانىنى ئىپادىلىيەلەيدىغان، كۈچلۈك ئاممىۋى خىزمەت ئىقتىدارىغا ۋە تۇيۇقسىز ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش، مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە كادىرلارنى كۈچەپ تاللاپ ئۆستۈرۈش كېرەك.

  بۇ نۆۋەتلىك نۆۋەت ئالماشتۇرۇشتا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «ئېتىقادى مۇستەھكەم، خەلقچىل، تىرىشچان - ئەمەلىيەتچىل، دادىل، پاك - دىيانەتلىك» ۋە مىللىي رايونلاردىكى «ئۈچ ئالاھىدە» ياخشى كادىرلاردىن بولۇش ئۆلچىمىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، كادىرلارنى تەيىنلەپ ئىشلىتىش نىزامىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلدى، سىياسىي ئۆلچەمنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش جەھەتتىكى ئىدىيەۋى تونۇشى ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويدى، تەرتىپكە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق ئادا قىلىپ، ئۆتكەلنى چىڭ ئىگىلەپ، نازارەتچىلىكنى كۈچەيتتى، سىياسىيدا، ئىقتىداردا، ئىستىلدا كۈچلۈك مۇنەۋۋەر كادىرلارنى زور كۈچ بىلەن تاللاپ ئۆستۈرۈپ ناھىيە، شەھەر، رايونلۇق پارتكوملارنىڭ بەنزىسىگە كىرگۈزدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق نۆۋەت ئالماشتۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ئىشخانىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: سىياسىيدا كۈچلۈك بولۇش ناھىيە، شەھەر، رايونلۇق پارتكوملارنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇشتا ئادەم تاللاش - ئىشلىتىشتىكى ئەڭ مۇھىم ئۆلچىمى، ئاپتونوم رايوننىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش خىزمىتى يىغىنى سىياسىي ئۆلچەمنىڭ ئاكتىپ ۋە پاسسىپ تىزىملىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، نۆۋەت ئالماشتۇرۇشتىكى سىياسىيدا لاياقەتسىز نامزاتلارنى «بىر چاتاق بىلەن ئىنكار قىلدى». ناھىيە، شەھەر، رايونلۇق پارتكوملارنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇشىنى تەكشۈرۈشتە، تەكشۈرۈش ئوبيېكتىغا قارىتا ئىنتىزام، جامائەت خەۋپسىزلىكى، مۇپەتتىش قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلارنىڭ پىكرىنى ئالغاندىن باشقا، يەنە تەكشۈرۈش دائىرىسىنى كادىرلارنىڭ تۇرمۇش چەمبىرىكىگىچە ئۇزارتىپ، ئىلگىرى خىزمەت قىلغان، باشقۇرغان ئىدارىسىگىچە كېڭەيتىپ، كادىرلارنىڭ ئىزچىل سىياسىي مەيدانى ۋە سىياسىي جەھەتتىكى ئىپادىسىنى نۇقتىلىق ئىگىلەشكە ئەھمىيەت بېرىلدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايون ۋە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك پارتكوملار «چاتاق كادىرنى ئۆستۈرۈش» نىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىشنى تۆۋەن چەك ۋە قىزىل سىزىق قىلىپ، تەكشۈرۈش ئوبيېكتى قىلىنغان كادىرلارنىڭ ئارخىپىنى چوقۇم تەكشۈرۈپ، شەخسنىڭ ئالاقىدار ئىشلار توغرىسىدىكى دوكلاتىنى چوقۇم دەلىللەپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگىنىنىڭ پىكرىنى چوقۇم ئاڭلاپ، كونكرېت ئەرز قىلىنغانلارنى يىپ ئۇچىغا ئاساسەن چوقۇم تەكشۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشتىن ئىبارەت باش نىشان ئۈچۈن، سادىق، پاكىز، دادىل، غوللۇق كۈچلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈشنى مۇھىم تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

  بەنزىگە قابىل كادىرلار سەپلىنىپ، تەلەپچان، ئەمەلىيەتچىل، كۈچلۈك خىزمەت بىرىكمە كۈچى بارلىققا كەلتۈرۈلدى

  ئون بارماق ھەرقانچە كۈچلۈك بولسىمۇ، مۇشتنىڭكىدەك كۈچى بولمايدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ما شۆجۈن ئاپتونوم رايونلۇق نۆۋەت ئالماشتۇرۇش خىزمىتى يىغىنىدا تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بەنزىگە كادىر سەپلەشتە ھازىرقى بىلەن كەلگۈسىنىڭ، يېتىشتۈرۈش بىلەن تاللاپ ئۆستۈرۈشنىڭ، قۇرۇلما بىلەن فۇنكسىيەنىڭ، پۈتۈنلۈك بىلەن قىسمەنلىكنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، ئىشلارنىڭ تەرەققىياتى بىلەن بەنزىنىڭ قۇرۇلۇشى يۈكسەك دەرىجىدە ماسلاشقان كادىر ئورۇنلاشتۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈش كېرەك».

  جايلار بۇ قېتىملىق ناھىيە، شەھەر، رايونلۇق پارتكوملارنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش خىزمىتىدە مۇقىملىقنى قوغداش يېڭى ۋەزىيىتىگە، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە ماسلىشىشنى كۆزدە تۇتۇپ، سىياسىي ساپاسى يۇقىرى، سىياسىي - قانۇن خىزمىتىگە پىششىق، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇشقا ماھىر مۇنەۋۋەر كادىرلارنى زور كۈچ بىلەن تاللاپ ئۆستۈرۈشى؛ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش تەلىپىنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقالايدىغان بولۇشنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىقتىساد، كەسىپ، جەمئىيەت باشقۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى قاتارلىق خىزمەتلەردىن خەۋەردار كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈپ ناھىيە دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىسىگە كىرگۈزۈش ئارقىلىق ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى تەلىپىگە ماس كېلىدىغان، قۇرۇلما ئورۇنلاشتۇرۇشى مۇۋاپىق، بەنزە ئىقتىدارى مۇكەممەل بولغان « ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى»نى تىرىشىپ بەرپا قىلىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايون ناھىيە، شەھەر، رايونلارنىڭ كادىرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش لايىھەسىنى تەكشۈرۈپ بېكىتكەندە، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، خىزمەت ئېھتىياجى، بەنزە قۇرۇلۇشى، تارىخىي جەريانى قاتارلىق ئامىللارنى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىپ، قوشۇننى رەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش، گۇرۇپپىنى خىللاشتۇرۇش، ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە نۇقتىلىق كۈچەپ، پارتكوم بەنزىسىنى مۇۋاپىق سەپلەپ، بىرىكمە كۈچنى ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، قۇرۇلمىسى قاتتىق، فۇنكسىيەسى ئاجىز بولۇشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئالدى.

  نۆۋەت ئالماشقاندىن كېيىن، ناھىيە، شەھەر، رايونلۇق پارتكوملارنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى ئارىسىدا پارتىيە ئىشلىرى، ئىقتىساد، سىياسىي قانۇن، ئىدېئولوگىيە، جەمئىيەت باشقۇرۇش خىزمىتىنى پىششىق بىلىدىغانلار ئايرىم - ئايرىم %66.5، %70.3، %42.2، %50.5، %61.7 نى ئىگىلىدى، ئالىي مەكتەپدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە كىشىلەر %91.2 نى ئىگىلەپ، 6 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى؛ ھەر قايسى ياش بۆلىكىدىكى كادىرلارنى ئىشلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىلىپ، ئوتتۇرىچە يېشى 44.3 ياش بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، رەھبەرلىك تەجرىبىسى مول 51 ياشتىن يۇقىرى كادىردىن 85ى ساقلاپ قېلىندى؛ كەنتكە چۈشۈپ خىزمەت قىلغان، جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك، ئېغىر خىزمەت ئورنىدا، يېزا ئاساسىي قاتلىمىدا، جاپالىق، چەت - يىراق رايونلاردا خىزمەت قىلغان مۇنەۋۋەر كادىرلار ناھىيە، شەھەر، رايونلۇق پارتكوملارنىڭ بەنزىسىگە سەپلەندى. يېزا - بازارلىق پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا بىرىنچى قول رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەنلەر %42نى ئىگىلىدى، ئىككى يىلدىن يۇقىرى ئاساسىي قاتلام خىزمەت تارىخىغا ئىگە بولغانلار %83.3نى ئىگىلىدى، بەنزە ئەزالىرى تەجرىبىلىرىنى ئۆزئارا تولۇقلاپ، ئىقتىدارى، ئارتۇقچىلىقلىرىنى ماسلاشتۇردى، ناھىيە، شەھەر، رايونلۇق پارتكوم رەھبەرلىرىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق خىزمىتىگە بولغان ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆستى.

  ئىنتىزام ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە بارلىققا كەلتۈرۈلدى

  «مەن ئۆز ئىختىيارلىقىم بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرىمەن... ھەر ۋاقىت پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن قۇربان بېرىشكە تەييارمەن، پارتىيەگە مەڭگۈ ئاسىيلىق قىلمايمەن». جېمىنەي ناھىيەسىدىكى بارلىق پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى جېمىنەي ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى جۈنشيانىڭ يېتەكچىلىكىدە، پارتىيە بايرىقى ئالدىدا تەنتەنىلىك قەسەم بەردى.

  پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى ئوقۇش، «پارتىيە نىزامنامىسى» نى ئۆگىنىش، مەركەزنىڭ لياۋنىڭ ئۆلكىسىدىكى سايلامدا پارا بېرىپ سايلىنىش دېلوسى توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، بۇلارنىڭ ھەممىسى ھەرقايسى ناھىيە، شەھەر، رايونلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلتىيى باشلىنىش ئالدىدا قىلىدىغان خىزمىتىدۇر.

  ناھىيە، شەھەر، رايونلۇق پارتكوملارنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش خىزمىتى باشلىنىشى بىلەن ئاپتونوم رايون نۆۋەت ئالماشتۇرۇشتا قاتتىق ئىنتىزامنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى ئېنىق تەلەپ قىلدى: بۇ قېتىمقى نۆۋەت ئالماشتۇرۇش خىزمىتىدە چوقۇم يۇقىرى ئۆلچەم، قاتتىق تەلەپتە چىڭ تۇرۇپ، شامالغا قارشى ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىدىغان ئادەم ۋە ئىشلارنىڭ كۆرۈلۈشىگە ھەرگىز يول قويماسلىق كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: «توققۇزنى چەكلەش» تىن ئىبارەت ئىنتىزام بەلگىلىمىسىنى ۋەكىللەر تۇرۇشلۇق جاي، يىغىن مەيدانى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ كۆزگە كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان جايىغا قويۇپ، يىغىن قوللانمىسى تىتولىغا بېسىپ، كارتا قىلىپ تۈزۈپ ۋەكىللەرنىڭ ياتىقىغا قويۇپ، ھۆججەت خالتىسىغا سېلىپ، ۋەكىللەر ئىشىكتىن كىرىپلا كۆرەلەيدىغان، يىغىندا ئاڭلىيالايدىغان، ئىشىكتىن چىققاندا ھېس قىلالايدىغان قىلىش كېرەك؛ ناھىيە، شەھەر، رايونلۇق پارتكوملارنىڭ شۇجىلىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى، مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقلىرى بىلەن نۆۋەت ئالماشتۇرۇش ئىنتىزامى توغرىسىدا سۆھبەتلىشىپ، ئىنتىزامدىن ئىبارەت بۇ تارىنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىشنى ئەسكەرتىشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە ناھىيە، شەھەر، رايونلارنىڭ ھەر بىر ۋەكىللەر ئۆمىكىدىن ئىككى، ئۈچ ۋەكىلنى نۆۋەت ئالماشتۇرۇش خىزمىتى كەيپىياتىنىڭ نازارەتچىسى بولۇشقا تەيىنلەشنى، نازارەتچىلەرنىڭ ئىسىملىكىنى يىغىن كاتىبات باشقارمىسى ئىگىلەشنى، سىرتقا ئاشكارىلىماسلىقنى، ھەر كۈنى نازارەتچىلەرنى يىغىپ، مۇھاكىمە قىلىپ، ھۆكۈم چىقىرىپ، بىخ ھالىتىدىكى، ئېغىش خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقاپ ۋە ئۇنى ھەل قىلىپ، يىغىننىڭ ئىتتىپاق، ئىناق، مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  كۆپ قېتىم نۆۋەت ئالماشتۇرۇش خىزمىتىگە قاتناشقان ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ كەيشۇەن مۇنداق دېدى: بىر ئاي ئىلگىرى ئاپتونوم رايوننىڭ «نۆۋەت ئالماشتۇرۇش ئىنتزامى ئەسكەرتنامىسى» نى تاپشۇرۇۋالدىم، پارتىيە قۇرۇلتىيى ئېچىلغان مەزگىلدە نەق مەيداندا نۆۋەت ئالماشتۇرۇش ئىنتىزامى بويىچە رەھبەرلىك مەسئۇلىيەت ۋەدىنامىسى ئىمزالىدۇق، نۆۋەت ئالماشتۇرۇش خىزمىتىدىن كېيىن يەنە نۆۋەت ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ كەيپىياتىنى باھالىدۇق». ئۇ بۇ قېتىمقى نۆۋەت ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى تارىختىكى ئەڭ قاتتىق تەلەپ قويۇلغان ناھىيە، شەھەر، رايونلۇق پارتكوملارنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇشى بولدى، دەپ تەسۋىرلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «نۆۋەت ئالماشتۇرۇشتىن ئىلگىرى ۋە نۆۋەت ئالماشتۇرۇشتىن كېيىن خەت ئەۋەتىپ ئەسكەرتىشتىن تارتىپ ئىمزا قويۇشقىچە، يەنە ئومۇمىي كەيپىياتنى باھالاشقىچە بىر قاتار نۆۋەت ئالماشتۇرۇش قاتتىق ئىنتىزام مۇداپىئە سېپى ئورنىتىلدى».

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بۇ يىل 2 - ئايدىن باشلاپ كۆپ قېتىم يىغىن ئېچىپ، جايلاردىن نۆۋەت ئالماشتۇرۇش ئىنتىزامى تەربىيەسىنى، نۆۋەت ئالماشتۇرۇش خىزمىتى نازارەتچىلىكىنى، ئىنتىزامغا خىلاپ ھەرىكەتلەرنى تەكشۈرۈشنى، نۆۋەت ئالماشتۇرۇش ئومۇمىي كەيپىياتىنى باھالاشنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى. ناھىيە، شەھەر، رايونلۇق پارتكوملارنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، مەركىزىي كومىتېتنىڭ لياۋنىڭدىكى سايلامدا پارا بېرىپ سايلىنىش دېلوسى توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشنىڭ روھىنى ئۆگەندى، ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيەنى كۈچەپ بەرپا قىلىش، نۆۋەت ئالماشتۇرۇش ئىنتىزامىنى چىڭىتىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى قاتتىق ساقلاشنى ئەڭ مۇھىم دەپ بىلىپ، مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش خىزمىتى توغرىسدىكى سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش خىزمىتى، كادىرلار خىزمىتىنىڭ يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلەپلىرىگە ئۇيغۇن كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  جايلار ناھىيە، شەھەر، رايونلۇق پارتكوملار نۆۋەت ئالماشتۇرۇشىدا سىردىشىش - سۆھبەتلىشىش، ئوچۇق - ئاشكارا ۋەدە بېرىش، كەيپىياتنى باھالاش، سەييارە نازارەتچىلىك قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، يىغىندىن ئىلگىرى، يىغىن ئارىلىقىدا، يىغىندىن كېيىن ھەممە يەرنى قاپلىغان قاتمۇ قات مۇداپىئە تېمى ھاسىل قىلىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان نۆۋەت ئالماشتۇرۇش مۇھىتى بەرپا قىلدى. ناھىيە، شەھەر، رايونلۇق پارتكوملارنىڭ مەركەزلىك نۆۋەت ئالماشتۇرۇش ۋاقتى دەل ئاپتونوم رايون ئاچقان باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى باش نىشاننى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش قايتا سەپەرۋەرلىك يىغىنىغا توغرا كەلدى، يىغىندا چىقىرىلغان باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئومۇمىي نىشان بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈشتىن ئىبارەت سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى شىنجاڭدىكى ناھىيە، شەھەر، رايونلۇق پارتكوملارنىڭ «تۈمەن مىڭ تۇلپار بەيگىگە چۈشۈش»تەك چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىجاڭدىكى ھەر مىللەت پارتىيەلىك كادىرلار، ئاممىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش مۇساپىسىدە تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشۇشقا ئۈندىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر