باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ھازىرقى ئۇزۇن سەپەر يولىدا ياخشى ماڭايلى

-باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەر غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەپ سۆزلىگەن سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا(3)

2016.10.24 16:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھەر بىر ئەۋلاد كىشىلىرىنىڭ ئۇزۇن سەپىرى ئوخشىمايدۇ، ھەر بىر ئەۋلاد كىشىلىرى ئۇزۇن سەپىرىنى ياخشى مېڭىشى كېرەك.

  «مەيلى ئىشلىرىمىز قانچىلىك تەرەققىي قىلسۇن، مەيلى قانچىلىك مۇۋەپپەقىيەت قازىنايلى، ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى زور كۈچەپ جارى قىلدۇرۇپ ، يېڭى ئۇزۇن سەپەر يولىدا جاسارەت بىلەن داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك». قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەر غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇزۇن سەپەرنىڭ پارتىيەمىز، دۆلىتىمىز، ئارمىيەمىزنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى ئۇلۇغ ئەھمىيىتى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىخىي مۇساپىسىدىكى چوڭقۇر تەسىرىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى كۈچەپ جارى قىلدۇرۇپ، ھازىرقى ئۇزۇن سەپەر يولىدا ياخشى مېڭىشتىكى «ئالتە جەزمەن» ئومۇمىي تەلىپىنى تەكىتلەپ، پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىش ئېتىقادى ۋە ئىرادىسىنى تۇرغۇزۇشقا رىغبەتلەندۈردى.

  تاغ - دەريالار ئابىدە، تارىخ شاھىت. ئەڭ ئەشەددىي دۈشمەننى چېكىندۈرۈش، تەبىئىي مۇھىت ئۈستىدىن غالىب كېلىشتىكى كەسكىن خىرىس، مۇشەققەتلەرنى يېڭىپ ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلىپ، مىڭ بىر جاپا-مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ پولاتتەك تاۋلىنىپ، 80 يىل بۇرۇنقى بۇ ئۇلۇغ يىراق مۇساپە، ئىنسانىيەتنىڭ ھەقىقەت ۋە يورۇقلۇققا ئىنتىلىش يولىدا قەيسەرلىك بىلەن قەتئىي ئىلگىرىلىشىنىڭ ئۇلۇغ تارىخىي داستاننى ياراتتى. ئۇزۇن سەپەر غەلىبىسى، غايە ۋە ئېتىقادىنى مۇستەھكەملەشنىڭ غەلىبىسى، ھەقىقەتكە ئىنتىلىپ، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇشنىڭ غەلىبىسى، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، ئاممىغا تايىنىشنىڭ غەلىبىسى،شۇنداقلا ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ غەلىبىسى. ئۇزۇن سەپەر ئىلھامى پارتىيەمىز، مىللەتلىرىمىزنىڭ قىيىنچىلىقلارنى ئۈزلۈكسىز يېڭىپ، غەلىبىدىن غەلىبىگە قاراپ ئىلگىرىلىشىنىڭ ئېتىقاد، كۈچ-قۇۋۋەت، مەنىۋى مەنبەسى. جۇڭگونىڭ ھازىرقى ئالغا ئىلگىرىلىشى ۋە تەرەققىياتى ئۇزۇن سەپەر داۋامىدا مېڭىپ چىققان؛ غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ مەنزىلىگە يېتىش يولىدا نىشاننى بويلاپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر