باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

بىر ئەۋلاد كىشىلىرى ئۇزۇن سەپەر يولىمىزنى ياخشى ماڭايلى

ــ جۇڭگو ئىشچى-دېھقان قىزىل ئارمىيەسى ئۇزۇن سەپەر غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش توغرىسىدا

2016.10.21 14:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يىللارنىڭ تاشقىنى توختاپ قالمايدۇ، كۈرەش سەپىرى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ

  80 يىل ئىلگىرى، ھايات-ماماتلىق خەتەرلىك پەيتتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىشچى-دېھقان قىزىل ئارمىيەسىگە رەھبەرلىك قىلىپ مىسلىسىز مۇشەققەتلىك 25 مىڭ چاقىرىملىق ئۇزۇن سەپەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، شەنشى-گەنسۇ-نىڭشيا رايونلىرىدا غەلىبىلىك ئۇچرىشىپ، ھالاكەت گىردابىغا بېرىپ قالغان جۇڭگو ئىنقىلابىنى داغدام يولغا باشلىدى. ئەنسىز يىللار، ئۆزگەرمەس تارىخ. جۇڭگو ئىشچى-دېھقان قىزىل ئارمىيەسى ئۇزۇن سەپەر غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەپ، مىللىي مۇستەقىللىق ۋە خەلقنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ قۇربان بولغان ئەجدادلىرىمىزنى ياد ئېتىپ، مىللەتنى روناق تاپقۇزۇشنىڭ يېڭى ئۇزۇن سەپىرىدە ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، باتۇرانە ئالغا باسىمىز.

  ئۇزۇن سەپەر ئىنسانىيەت تارىخىدىكى بىر قېتىملىق تەڭداشسىز ئۇلۇغ يىراققا يۈرۈش قىلىش سەپىرى. شياڭجياڭ دەريا بويىدا مىڭ ئۆلۈپ بىر تىرىلىپ قانلىق جەڭ قىلىشتىن زۈنيى يىغىنىغىچە، لۇدىڭ كۆۋرۈكىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىشتىن ليۇپەنشەن تېغى قىزىل بايراققا پۈركەلگىچە، ئۇزۇن سەپەر خۇددى تاغ-دەريالارنى ئوراپ تۇرغان قىزىل لېنتىدەك، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئېگىلمەس-سۇنماس روھى ۋە ئىرادىسىنى تاۋلاپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۆچمەس رىۋايىتىنى يېزىپ قالدۇردى. ئىنقىلابىي غايە پەلەكتىن يۈكسەك دېگەن قەتئىي ئېتىقاد ۋە ئۆلۈمدىن قورقماي، ھەرقانداق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، غەلىبىنى قولغا كەلتۈرىدىغان كۈچلۈك ئىرادىسى بىلەن، دۈشمەن بىلەن پىداكارلىق بىلەن جەڭ قىلىپ، دۈشمەن ئۈستىدىن غالىب كەلگەن قەھرىمانلىق جاسارەت، بۇ قېتىمقى يىراققا يۈرۈش قىلىش سەپىرى ياراتقان ئۇلۇغ روھ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئېتىقاد دۇنياسىنى يورۇتۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى مۇھىم مەنىۋى مەنبەسىگە ئايلاندى.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر