باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

باش نىشاننىڭ بايرىقىنى شىنجاڭ زېمىنىدا جەۋلان قىلدۇرايلى

−−پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم تەدبىرلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقايلى

2016.10.20 15:50         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  16 - ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن ئاپتونوم رايون «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى بويىچە سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىپ، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ - ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداش باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى ئورۇنلاشتۇردى. بۇ، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشتىكى بىر تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرى، شۇنداقلا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشتىن ئىبارەت باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش - ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر.مەركەزنىڭ 2 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتى ئىلمىي تەھلىل قىلىنىپ، پارتىيەمىزنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم تەدبىرى بېكىتىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش خىزمەت نىشانى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، شىنجاڭ خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەش نىشانى ئېنىق كۆرسىتىلىپ، رىئايە قىلىدىغان قائىدە ۋە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە قىلىندى. 17 - سېنتەبىر ئاپتونوم رايون باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى باش نىشانىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇش بويىچە قايتا سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش - ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ يەنە بىر يۇقىرى دولقۇنىنى قوزغىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، ئۇنىۋېرسال سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، 23 مىليون ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، «گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش» ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلماقتا.خىزمەتلەر باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ پىلانلاندىپارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭنىڭ خىزمەتلىرىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. مەركەزنىڭ 2 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم تەدبىر تۈزۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ بۇ باش نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى. مۇقىملىق باش نىشاننىڭ يادروسى، ئاساسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ بىر نەچچە يىلدا شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋەزىيىتى ياخشى بولدى. ئەمما «ئۈچ مەزگىل گىرەلەشكەن » ۋەزىيەتتە تۈپتىن ئۆزگىرىش بولغىنى يوق، قاتتىق زەربە بېرىشتە يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاش ئىنتايىن زۆرۈر. مەركەزنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى ئاساسىدا، ئاپتونوم رايونىمىز زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، زوراۋان تېررورچىلارغا زەربە بېرىشتە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپى دەل بىزنىڭ ۋەزىپىمىز. ھازىر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، بارلىق خىزمەتلەرنى باش نىشان ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇردى. «ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق −− ئامەت، بۆلگۈنچىلىك، قالايمىقانچىلىق −− ئاپەت » دەيدىغان ئورتاق تونۇش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشتىن ئىبارەت ئىدىيەنىڭ ئۇل تېشىغا ئايلاندى. كۈلۈمسىرىگەن چىرايلار تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردىباش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدا ئوتتۇرىغا قويغان باش نىشانىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە قايتا سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا: پارتكوم، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداش باشلامچى بولۇش، ئىككى يۈرۈش خىزمەت بەنزىسى تەشكىللەش، بىر بەنزە پۈتۈن كۈچى بىلەن مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش، يەنە بىر بەنزە زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ تەرەققىياتنى تۇتۇشى كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مەركەزنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىياتنى باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇتۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى زىچ چۆرىدەپ، تەرەققىياتنى پىلانلىدى. تەرەققىيات ئارقىلىق ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ياخشى ئايلىنىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈردى. «12 - بەش يىل» دا، بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيى ۋە مەركەزنىڭ 2 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىپ، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى روشەن كۈچەيدى. بۇ بىر نەچچە يىلدا، ئاپتونوم رايون مالىيەسىنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا چىقىم قىلغان مەبلىغى داۋاملىق ئادەتتىكى جامائەت خامچوتىنىڭ %70ىدىن ئېشىپ، خەلق تۇرمۇشى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى. ئامما كۆپ مەنپەئەتكە ئېرىشتى. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى 1 - ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىغا نەپ يەتكۈزدى؛ ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيتىش، ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش، شەھەر، بازارلاردىكى كاپالەتلىك تۇرالغۇ قاتارلىق ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، 10 مىليوندىن ئارتۇق ھەر مىللەت شەھەر، يېزا ئاممىسىغا نەپ يەتكۈزدى؛ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا ھەقسىز مائارىپ يولغا قويۇلدى، «قوش تىل» مائارىپى، كەسپىي مائارىپ جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلدى...تۇرمۇشى ياخشىلانغان، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ چىرايىدا كۈلكە ئەكس ئېتىپ، ھەر بىر ئېغىز سۆزىگە مىننەتدارلىق سىڭىپ، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا بولغان چەكسىز ھىمايىسى ۋە تەشەككۈرى ئىپادىلەندى. ھەممەيلەن مۇقىملىقنى قوغدايدىغان ياخشى ۋەزىيەت شەكىللەندى«شىنجاڭ مەسىلىسىدىكى ئەڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مەسىلە يەنىلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەسىلىسى»، «شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى خىزمەت مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنلار ئىناقلىقى». باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ مۇھىم بايانى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ نىشانىنى كۆرسىتىپ بەردى. يېقىندا، ئاپتونوم رايون جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئوقۇش يېشىغا توشمىغان «قوش تىل» مائارىپى كادىرلىرىنىڭ مائارىپنى قوللاش خىزمىتىنى باشلىدى، تۇنجى قاراردا 3000 كادىر جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ يېزىلىرىدىكى يەسلىلەردە مائارىپنى قوللاش خىزمىتىگە ئەۋەتىلىدۇ؛ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىدە قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇش مۇھىم نۇقتا قىلىنىدۇ. ھەر دەرىجىلىك مەمۇرىي، كەسپىي ئورۇنلاردىكى پارتىيەلىك كادىرلار باشلامچى بولۇپ، ھەر بىرى ئاساسىي قاتلامدىكى بىر ئامما بىلەن قوشماق بولۇپ ئالاقىلىشىپ، ھەر مىللەت ئاممىسى ئۆزئارا تۇغقان بولۇش، پارتىيەلىك كادىرلار قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇشنى شىنجاڭ بويىچە قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. بۇ، شىنجاڭنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش - ئىزچىللاشتۇرۇشىدىكى ئەمەلىي قەدەم، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى چىڭ تۇتقانلىقى، شۇنداقلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، بېرىش - كېلىش، ئالماشتۇرۇش ۋە ئارىلىشىشنىڭ ئەمەلىيەت ئىسپاتلىغان مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىسىدۇر. بۇ يىل مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ئېيى پائالىيىتى ئۇدا 33 يىل قانات يايدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايون مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى پائالىيىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، 27 تۈرلۈك مۇھىم تەدبىرنى قوللىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى نەپكە ئېرىشتۈردى. ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بۇنى ئاكتىپ قوللىدى، بەس - بەستە قاتناشتى، بېرىش - كېلىش، ئالاقە، ئارىلىشىش بارغانسېرى كۈچەيدى، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» كەيپىياتى بارغانسېرى قويۇقلاشتى. دىن خىزمىتى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك خىزمەت. بۇ بىر نەچچە يىلدا، ئاپتونوم رايون «قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى چەكلەش، ئەسەبىيلىكنى چەكلەش، سىڭدۈرمىچىلىكنى توسۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىش» تۈپ پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، دىن خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ئىشلىدى. ئېتىقادچى ئاممىنىڭ نورمال دىنىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەرگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بەردى ھەم «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» خىزمىتىنى ئىجادچانلىق بىلەن قانات يايدۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تارقىلىشى ۋە يامرىشىنى ئۈنۈملۈك چەكلىدى. ئاساس مۇستەھكەملىنىپ ۋە چىڭىتىلىپ، يېڭى قىياپەت بارلىققا كەلدى2014 - يىلىدىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 210 مىڭ ھەر دەرىجىلىك كادىر 10 مىڭدىن ئارتۇق كەنت(مەھەللە)كە بىر يىللىق چۈشۈپ، ئاممىنىڭ ئەھۋالىنى يۈز تۇرا ئىگىلەپ، قەلبداش بولۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈپ، قولنى قولغا تۇتۇشۇپ، ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملىگەچكە، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە يېپيېڭى قىياپەت بارلىققا كەلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم «ئەلرايىنى ئىگىلەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملەش» پائالىيىتىنى پۇختا، چوڭقۇر ئۇزاققىچە قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەر مىللەت ئاممىسىغا ھەقىقىي يەتكۈزۈشنى قارار قىلدى. شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مەركەزنىڭ « تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ - ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە چېنىقتۇرۇشنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر تەرەپتىن قول سېلىپ، ياخشى مۇھىت ھازىرلاپ بەردى، ئادەمنى توغرا ئىشلىتىشنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قەيسەر، كۈچلۈك كادىرلار قوشۇنىنى بەرپا قىلدى. كادىرلار قوشۇنى كۈچەيسە، ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلىگىلى بولىدۇ، ئىجتىمائىي ئاساس تېخىمۇ پۇختىلىنىدۇ. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئشىلەشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىش ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىدۇ. بىز ئىستراتېگىيەلىك كۈچىمىزنى ساقلاپ، ئۇزاققىچە تۆھپە قوشۇپ، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم تەدبىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، قەدەممۇ قەدەم گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر