باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

يىراقنى كۆزلەپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم شەكىللەندۈرەيلى

−−«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا

2016.10.20 15:49         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باش شۇجى شى جىنپىڭ: «داۋاملىق كۈچەپ، ئۇزاققىچە تىرىشىپ نەتىجە يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشنى ئىستراتېگىيەلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەت قاتارىدا ئىشلەش كېرەك»، دەپ كۆرسەتتى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش ۋاقىتلىق تەدبىر ئەمەس، ئۇنى بىردەملىك ئىش قىلىۋالماسلىق كېرەك. ئاپتونوم رايوننىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا: «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى مەركەزنىڭ تەلىپى ھەم شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن بولۇپ، ئۇنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇپ، تۈزۈملەشتۈرۈش، دائىملاشتۇرۇش ۋە ئۇزاققىچە ئۈنۈم بەرگۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك، دېيىلدى.

  «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى ئاساس سالىدىغان، كەلگۈسىگە پايدىلىق بولغان ئەلرايى قۇرۇلۇشى ھەم ئۇل قۇرۇلۇشىدۇر. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نۇرغۇن يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىۋاتقان بولۇپ، مۇقىملىق ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن ھەم مۇرەككەپ، رايون تەرەققىياتىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق مەسىلىسى يەنىلا بىرقەدەر گەۋدىلىك بولۇۋاتىدۇ، بەزى جايلارنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان تونۇشى يېتەرسىز، شەكىل ۋە ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىشى يېتەرلىك ئەمەس، خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشى تەڭپۇڭ ئەمەس. بۇ مەسىلىلەرگە تاقابىل تۇرۇش ۋە ھەل قىلىش ئۈچۈن، خىزمەتنىڭ مەۋقەسىنى ئاساسلىق، ئۇزاق مەزگىللىك بولۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، كىچىك غەلىبىلەر ئارقىلىق چوڭ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، بۇرۇننىڭ ئۇچىنىلا كۆرمەي، يىراقنى كۆرۈشىمىز كېرەك. يېڭى تارىخىي شارائىتتا، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش»نى ساقلايدىغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم توغرىسىدا ئىزدىنىش ھەم مۇشۇنداق مېخانىزم ئورنىتىش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، بىرلىكتە گۈزەل كەلگۈسىگە يۈرۈش قىلدۇرۇشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

  بىرىنچى، تۈزۈملەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. تۈزۈملەشتۈرۈش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش»نى ئىلمىيلاشتۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە ئاساسى، شۇنداقلا دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاققىچە ئۈنۈم بەرگۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى. تۈزۈملەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك مەمۇرىي، كەسپىي ئورۇنلىرىدىكى بارلىق كادىر ۋە ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ ئاساسىي قاتلىمىدىكى ئامما بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇشىنى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى مەمۇرىي ئورۇنلار، خەلق تەشكىلاتلىرىدىكى بارلىق كادىرلار ۋە ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆز يېرىنىڭ ئاساسىي قاتلىمىدىكى ئامما بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ھەر مىللەت ئاممىسى بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇشىدىغان، دوستلىشىدىغان جانلىق ۋەزىيەت ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. مەسئۇلىيەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت مەسئۇللىرى شەخسەن ئۆزى تۇتۇش، ئىش تەقسىماتى بويىچە باشقۇرغۇچى مەسئۇللار كونكرېت تۇتۇش، مەخسۇس ئاپپاراتلار پۈتۈن كۈچى بىلەن تۇتۇش، باشقا تارماقلار ماسلىشىپ تۇتۇش، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە يۇقىرى - تۆۋەندىكى ھەرقايسى تەرەپ بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك تارماقلار پائالىيەت خىزمەت ئاپپاراتى قۇرۇپ، پائالىيەت تۈزۈمى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پائالىيەتنى پۇختا، ئۈنۈملۈك، چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  ئىككىنچى، دائىملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. دائىملاشتۇرۇش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى ئادەتتىكى دائىملىق نورمال ھالەت، شۇنداقلا ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا ئايلاندۇرۇش جەريانىدىن ئىبارەت. شۇڭا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش»نى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇپ، قوللاش ۋە كاپالەتنى كۈچەيتىپ، قويۇق كەيپىيات شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئەڭ مۇھىمى، ئۇنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. بۇ پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۇرۇقىنى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ قەلبىگە تېرىپ، يىلتىز تارتقۇزۇپ، چېچەكلىتىپ مېۋە بەرگۈزۈش، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇش كېرەك.

  ئۈچىنچى، ئۇزاققىچە ئۈنۈم بەرگۈزۈشكە كۈچەش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتى ھە - ھۇ بىلەنلا نەتىجىسىنى كۆرگىلى بولىدىغان، پەقەت ئۆزگەرمەيدىغان خىزمەت ئەمەس. شۇڭا ۋاقىت ۋە شارائىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ئۇنى داۋاملىق بېيىتىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى نورمال ئېلىپ بېرىشقا ھەم ئۇنىڭ كۆزلىمە ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئۇزاققىچە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. شۇڭا خىزمەت ئۈنۈمىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۈنۈملۈك ئەسقاتىدىغان شەكىل ۋە ئۇسۇللار توغرىسىدا داۋاملىق ئىزدىنىپ ۋە ئۇلارنى يەكۈنلەپ، ئادەتكە ئايلاندۇرۇش، دائىملاشتۇرۇش ۋە يېتەكلەشكە ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، بۇ پائالىيەتنى كۈندىلىك ئۆگىنىش، خىزمەت ۋە تۇرمۇشقا سىڭدۈرۈپ، پۇختا قانات يايدۇرۇش كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە ئاساسىي قاتلامدىكى ھەقىقىي ئەھۋاللار ۋە ئاممىنىڭ ئارزۇ - تەلەپلىرىنى كۆپ نۇقتا، كۆپ قاتلام ۋە كۆپ تەرەپتىن ئىگىلەپ، ئۆزگىرىشكە ماسلىشىپ، ئۈنۈملۈك خىزمەت ئۇسۇللىرى توغرىسىدا داۋاملىق ئىزدىنىش كېرەك. ئومۇملۇقنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىشنى كىچىك ئىشلاردىن باشلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاز - ئازدىن تەجرىبە توپلاپ، داۋاملىق كۈچەپ، ئۇزاققىچە تىرىشىپ نەتىجە يارىتىش روھىدا چىڭ تۇرۇپ، كىچىك ھەم ئۇششاق سەمىمىي ھەرىكەتلەر ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر