باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

خەلق تۇرمۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى ياخشىلاش كېرەك

−−ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشاننىڭ يېتەكچىلىكىدە شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا

2016.10.09 15:14         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تۇرمۇشى خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈشنىڭ ئۇلى، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنىڭ ئاساسى. خەلق تۇرمۇشى ئەلرايىغا باغلىنىشلىق، ئەلرايى خەلقنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەيدۇ. خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى ياخشىلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ بەخت - سائادىتىگە ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك. خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرىنى ئالدىن باشلاشتا چىڭ تۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى ياخشىلاش يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئايدىڭلاشتۇرغان ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشاننى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى كونكرېت تەدبىر، شۇنداقلا جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئادەمنى ئاساس قىلىشتىن ئىبارەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنىڭ جانلىق ئىپادىسى.باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «پۇقرالارنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش بارلىق خىزمىتىمىزنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى». بارلىق خىزمىتىمىزنىڭ ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈشتە خەلقنىڭ ھەقىقىي نەپكە ئېرىشكەن - ئېرىشمىگەنلىكى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ھەقىقىي ياخشىلانغان - ياخشىلانمىغانلىقىغا قارايمىز. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىنى چۆرىدەپ، شۇ دەرىجىلىك مالىيە چىقىمى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ %70ىدىن كۆپرەكىنى خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى ياخشىلاشقا ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇشى، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلى پائالىيىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، ھەر يىلى توققۇز تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىدە ئومۇمىي خەلقنى ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن يەنىمۇ كۆپ، يەنىمۇ ئادىل بەھرىلەندۈرۈش، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مەقسەت قىلىنغان.

  ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، ئەلرايى قۇرۇلۇشى، ئۇل قۇرۇلۇشى. كىشىلەرنىڭ خىزمىتى بولسا خاتىرجەم بولىدۇ، بىر ئائىلىدە بىر كىشى ئىشقا ئورۇنلاشسا، بىر مۇقىم كۈچ كۆپىيىدۇ. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يەنىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش سۇپىسى بەرپا قىلىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە داۋاملىق كۈچەپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ يوللار بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئامالنىڭ بارىچە ئىلگىرى سۈرۈش؛ شەھەر - بازارلاردىكى ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەرنى تۈگىتىپ، ھەر بىر ئائىلىدە ئاز دېگەندە بىر كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئوڭۇشلۇق شارائىتى بولۇش، ھەر بىر كىشىنىڭ قىلىدىغان ئىشى بولۇش، ھەر ئايدا كىرىمى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداشتا ئادەم ئاساس، مائارىپ ئاچقۇچ. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەقسىز مەجبۇرىيەت مائارىپىنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا 14 يىللىق ھەقسىز مائارىپ سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باشقا رايونلاردىمۇ 14 يىللىق ھەقسىز مائارىپنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەكتەپكە كىرىش نىسبىتىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت بالىلىرىنىڭ ئوقۇيالىشى ۋە ياخشى ئوقۇيالىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز؛ «قوش تىل» مائارىپىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، «قوش تىل» مائارىپى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، «قوش تىل» ئوقۇتۇشىنى تۈرلۈك مەكتەپ مائارىپىغا باشتىن - ئاياغ سىڭدۈرۈپ، 2020 - يىلىغا بارغاندا ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئاساسەن ئىگىلىيەلىشى ۋە ئىشلىتەلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز؛ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يېتەكچى قىلىپ، كەسپىي مائارىپنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى كەسپىي تېخنىكا بىلەن تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر بىر ياشنىڭ بىرەر ئارتۇقچىلىقى بولۇشى، كۈنىنى ئالىدىغان بىر تۈرلۈك ماھارەت ئىگىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

  يۆلەش - ئېچىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتىكى ئۈنۈملۈك يول، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش، كۈچنى توپلاشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىر، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ كۈچلۈك كاپالىتى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلار نامراتلارنى يۆلەش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، «ئالتە دەل جايىدا بولۇش»، «بەش بىر تۈركۈم»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، دەل جايىدا كۈچەپ، تەدبىرنى كۈچەيتىپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئالاھىدىلىكنى نامايان قىلىپ، سىياسەتتىن ياخشى پايدىلىنىپ، مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، 2020 - يىلىغا بارغاندا نامرات ئاھالىنىڭ يېمەك - ئىچمەك ۋە كىيىم - كېچەكتىن غەم يېمەسلىكىنى مۇقىم ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى، ئاساسىي داۋالىنىش ۋە تۇرالغۇ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نامرات ئاھالىنىڭ ھەممىسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، مەملىكەتنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى ئومۇمىيىتىگە تۆھپە قوشۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك.

  خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى ياخشىلاشتا، داۋالاش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتىن ئىجتىمائىي كاپالەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يۈتكۈزۈشكىچە، ئەمىن تاپقۇزۇش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتىن كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتىش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشكىچە، چېگرانى گۈللەندۈرۈش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتىن بىخەتەرلىك ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشكىچە بولغان، خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىشلارنى بىر - بىرلەپ بېجىرىپ، يىلمۇ يىل داۋاملاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا پايدىلىق ئىشلارنى كۆپرەك پىلانلاپ، خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئەندىشىلەرنى تۈگىتىپ، ئوقۇش يېشىدىكىلەر ئوقۇيالايدىغان بولۇش، ئىشلىگەنلەر ھەق ئالالايدىغان بولۇش، كېسەل بولغانلار داۋالىنالايدىغان بولۇش، ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش، ئۆيى يوقلار ئۆيدە ئولتۇرالايدىغان بولۇشتا داۋاملىق يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلقنى يەنىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشكە تىرىشىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيەلىك كادىرلار خەلققە بولغان چەكسىز مېھىر - مۇھەببىتى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش، ياخشى قوغداش، ياخشى راۋاجلاندۇرۇشنى باشتىن - ئاخىر 1 - ئورۇنغا قويۇپ، تولۇپ تاشقان ھېسسىيات بىلەن ئاممىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئاممىنى قىزغىن سۆيۈپ، ئاممىنى خوجايىن ۋە تۇغقان دەپ بىلىپ، ئاممىنىڭ ئىدىيەسى، ئويلىغانلىرى ۋە ئارزۇلىرىنى چۆرىدەپ، ئەلرايىغا ماس كېلىدىغان، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي ۋە ياخشى ئىشلارنى كۆپ قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئۆيلىرىگىچە، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ يېنىغىچە، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ قەلبىگىچە يەتكۈزۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ يەنىمۇ ئاڭلىق ھالدا پارتىيەنىڭ ھىممىتىگە رەھمەت ئېيتىدىغان، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلايدىغان، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىدىغان قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئەتراپىغا ئۇيۇشتۇرۇپ، كىشىلەر قەلبىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشتىن ئىبارەت باش نىشانغا ئەڭ زور دەرىجىدە مۇجەسسەملەپ، بەخت نۇرىنىڭ تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىنى مەڭگۈ يورۇتۇپ تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر