باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ «ئەسلىمىزنى ئۇنتۇماي، يېڭى ئۇزۇن سەپەر يولىدا ماڭايلى»ماۋزۇلۇق ئوبزورچى ماقالىسى ئېلان قىلىندى

2016.09.26 16:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۈگۈن شىنخۇا ئاگېنتلىقى«ئەسلىمىزنى ئۇنتۇماي، يېڭى ئۇزۇن سەپەر يولىدا ماڭايلى»ماۋزۇلۇق ئوبزورچى ماقالىسى ئېلان قىلدى

  ماقالىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: بۇنىڭدىن 80يىل ئىلگىرى خەتەرلىك ئۇرۇش مۇھىتى ۋە ئىنتايىن ناچار تەبىئىي شارائىتتا پارتىيەمىز قىزىل ئارمىيەگە رەھبەرلىك قىلىپ كۈرمىڭ خەتەرلەردىن غالىب كېلىپ، دۇنياغا داڭلىق 25مىڭ چاقىرىملىق ئۇزۇن سەپەرنى تاماملىدى، ھەممىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بۇ تارىخىي سەپەردە جۇڭگو كومپارتىيەسى ۋە جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب ئىشلىرىدا غەلىبىلىك بىر چوڭ بۇرۇلۇش بولدى، دۆلەت مۇستەقىللىقى، مىللەتلەر ئازادلىقى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىنىپ، جۇڭگو ئىنقىلابى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرى تارىخىغا مەڭگۈلۈك سەھىپە قىلىپ يېزىلدى.

  ماقالىدا مۇنداق دېيىلدى: ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھى ۋەتەنپەرۋەرلىك يادرو قىلىنغان مىللەتلەر روھىنىڭ جانلىق ئىپادىلىنىشى، باشتىن ئاخىرى پارتىيە ۋە خەلقنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇرىدىغان كۈچلۈك روھىي كۈچ، ئۇزۇن سەپەر تارىخىنى قايتا ئەسلەيدىغان بولساق بىز ئۇزۇن سەپەرنىڭ بىر قېتىملىق ئىنسانىيەت روھى ۋە ئىرادىسىنىڭ ئۇلۇغ سەپىرى بولۇپلا قالماي يەنە جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىگە رەھبەرلىك قىلىپ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشىش ئۇلۇغ مۇساپىسى ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ئېنىق كۆرۈۋالالايمىز، يېڭى مۇساپىدە ئۇزۇن سەپەر روھى يەنىلا جاپانى يېڭىش، قىيىن ئۆتكەلدىن بۆسۈپ ئۆتۈشتىكى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىمىز، ئۇ بىزگە يېڭى ئۇزۇن سەپەرنى ياخشى مىڭىشىمىزغا يول كۆرسىتىپ بېرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر